باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بالىلار «ئىللەت» ۋىدىئوسىنى تارقىتىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلىگەن يۇكۇ، ئەيچىيى قاتارلىق ئالاقە تورى كارخانىلىرى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

2018.02.13 16:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مەملىكەت بويىچە «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا قاتتىق زەربە بېرىش» خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، گۇاڭدۇڭ، بېيجىڭ قاتارلىق ئىككى جاينىڭ «شەھۋانىيلىققا ۋە قانۇنسىزلىققا قاتتىق زەربە بېرىش» تارماقلىرى بالىلار «ئىللەت» ۋىدىئوسى دېلوسىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. گۇاڭجۇ يىنجۈن شىركىتىنى قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بىللە، بۇ شىركەت بىلەن كەسپىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرغان ھەم تارقىتىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلىگەن يۇكۇ، ئەيچىيى شىركىتى، بۇ شىركەتنى تارقىتىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلىگەن تېڭشۈن شىركىتىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى؛ بەيدۇ بايرىقى ئاستىدىكى «قىززىق» ۋىدىئو سۇپىسىدا بالىلار «ئىللەت» ۋىدىئو سىنىڭ تارقىتىلغانلىقىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى. بېيجىڭ، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق ئىككى جاينىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدىكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماقلار يېقىندا ئالاقىدار مەمۇرىي جازا قارارى چىقىرىپ، يۇقىرىدىكى ئالاقە تورى كارخانىلىرىنى قانۇن-نىزامغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى تۈزىتىشكە بۇيرۇپ ئاگاھلاندۇردى ھەم جەرىمانە قويدى.

  تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، گۇاڭجۇ يىنجۈن شىركىتى مەمۇرىي ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ۋىدىئو ئىشلەش، تارقىتىش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كلاسسىك كارتون فىلىمدىكى ئويۇنچۇق بۇيۇملىرى ۋە رەڭلىك لاي، سېغىز توپا قاتارلىقلاردىن جابدۇق ياساپ، ياساش جەريانىدىن ۋىدىئو ئىشلىگەن ياكى ئالاقىدار بۇيۇملاردىن ھېكايە ۋەقەلىكى تۈسىنى ئالغان ۋىدىئولارنى رەسىمگە ئېلىپ ئىشلەپ، يۇكۇ، ئەيچىيى، تېڭشۈن قاتارلىق ۋىدىئو سۇپىلىرىدا تارقاتقان. بۇ شىركەت 2016-يىلى 11-ئايدا، يۇكۇ، ئەيچىيى ۋىدىئو سۇپىلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم توختام ئىمزالاپ، «شادلىققا تولغان دېسنىي» ھېساباتىدىن پايدىلىنىپ ۋىدىئو يوللاپ، بۇنىڭدىن 2 مىليون 200 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پايدا ئالغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇنىڭدا قىسمەن قانلىق، بىئەدەپ مەزمۇنلەتنىڭ بارلىقى بېكىتىلدى. مەدەنىيەت ساھەسىدىكى قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ 5-فېۋرال بۇ دېلو بويىچە ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەكشۈرۈپ دەلىل-ئىسپات ئېلىشى ئاساسىدا، گۇاڭجۇ شەھىرى تيەنخې رايونلۇق ج خ ئورگىنى جىنايى ئىشلار بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. گۇاڭجۇ شەھىرى تيەنخې رايونلۇق سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى 6-فېۋرال بۇ شىركەتنىڭ تىجارەت كىنىشكىسىنى قانۇن بويىچە بىكار قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر