باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ شياڭگاڭنىڭ داپۇ يولىدا يۈز بەرگەن زور قاتناش ھادىسىسىدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى

لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭمۇ تەزىيە بىلدۈردى ۋە ھال سورىدى

2018.02.13 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10- فېۋرال سائەت 18 لەردە، شياڭگاڭ شىنجيې رايونىدىكى داپۇ يولىدا زور قاتناش ھادىسىسى يۈز بەردى، قوش قەۋەتلىك بىر ئاممىۋى ئاپتوبۇس ھادىسىگە ئۇچراپ ئۆرۈلۈپ كېتىپ، 19 كىشى قازا قىلدى، 60 نەچچە كىشى يارىلاندى. شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتى دەرھال جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىپ بىر تەرەپ قىلدى.

  ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، ج ك پ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دەرھال تالاپەت ۋە قۇتقۇزۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭدىكى ئالاقىلىشىش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلىغا باش مەمۇر لىنجېڭ يۆئېغا بۇ قېتىمقى ۋەقەدە قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقى، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورايدىغانلىقىنى يەتكۈزۈپ قويۇش توغرىسىدا يوليورۇق بەردى ھەم شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىدىن قازا قىلغانلارنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرى، يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش – داۋالاش ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا تەسەللىي بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى. شى جىنپىڭ يەنە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي بىر تەرەپ قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ۋاقتىدا قانات يايدۇرغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

  لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭمۇ مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭدىكى ئالاقىلىشىش ئىشخانىسىغا قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھەم يارىلانغانلاردىن ھال سورايدىغانلىقىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ھاۋالە قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر