باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى مۇھىم پەيتنى بېسىپ ئۆتتى

31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرنىڭ رېۋىزىيە كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسى ۋۇجۇدقا كەلدى

2018.02.12 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور پونكىتى 11-فېۋرال چىڭخەي ئۆلكىلىك رېۋىزىيە كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە ئەگىشىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە رېۋىزىيە كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

  ئۆلكە دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشى نۇقتىدا سىناق قىلىنغان رايونلاردا رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تەشكىللىنىپ قۇرۇلغانلىقى، دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم پەيتنى بېسىپ ئۆتۈپ، پارتىيە بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك قاپلانغان، نوپۇزلۇق، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  2017-يىلى 11-ئاينىڭ 4-كۈنى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30-يىغىنىدا مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى. بۇ قارارغا ئاساسەن، رېۋىزىيە كومىتېتى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ۋۇجۇدقا كېلىپ، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا سايلىنىپ، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا مۇئاۋىن مۇدىر، كومىتېت ئەزالىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش تەكلىپى بەردى. ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەرنىڭ 2018-يىللىق ئىككى يىغىنىنىڭ يېپىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ھەر قايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا سايلىنىپ ۋۇجۇدقا كەلدى؛ ئۇنىڭدىن كېيىن ھەر قايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىمۇ ئۆلكە دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، كومىتېت ئەزالىرىنى ۋەزىپىگە تەيىنلەندى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەتقىقات ئىشخانىسىدىكى ئالاقىدار يولداش مۇنداق دېدى: جايلارنىڭ نۆۋەت ئالماشقاندا رېۋىزىيە كومىتېتى قۇرۇش خىزمىتىنى تەڭ تاماملىشى، رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىشى بىلەن زىچ ئۇدۇللاشتۇرۇپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا پايدىلىق.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر