باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى بەس-بەستە چاغانلىق زاپاس گۆش سېتىۋالدى

2018.02.12 13:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-فېۋرال ئەتىگەندە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاسمىنىدا قار ئۇچقۇنلىرى لەپىلدەپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ چاغانلىق پۇرىقىمۇ بارغانسىرى قويۇق بولدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، شەھەردىكى 91 جايدىكى زاپاس گۆش سېتىش ئورنىدا، شەھەر دەرىجىلىك زاپاس گۆش سېتىلىشقا باشلىدى. ئۆزى ياخشى، باھاسى ئەرزان بولغان گۆشلەرنى شەھەر ئاھالىلىرى ئۆچىرەتتە تۇرۇپ سېتىۋالدى.

  ئىگىلىنىشىچە، چاغانلىق گۆش مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى تېخىمۇ ياخشى گۈللەندۈرۈش ۋە تەڭشەش، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ چاغاننى خۇشال ۋە ئىناق ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 9-فېۋرالدىن 13-فېۋرالغىچە، شەھەرنىڭ 91 جايىدىكى قوشۇمچە يېمەكلىك، كۆكتات بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى، خەلققە قولايلىق كالا-قوي گۆشىنى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسى، تيەن كاڭ مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ۋە پاكلان توخۇ گۆشى مەخسۇس سېتىش دۇكىنىغا شەھەر دەرىجىلىك زاپاس گۆشنى سالدى. بۇ زاپاس گۆشلەر قوي گۆشى، كالا گۆشى، چوشقا گۆشى ۋە توخۇ گۆشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  بىر بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىنىڭ مەسئۇلى، شىنجاڭ «ئەي مىن» دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى چەي يۈجىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز بۈگۈن 90 تۇياق قوي، يەتتە تۇياق كالا ئېلىپ كەلدۇق، بۇنىڭ ئىچىدىكى قوي ئالتاي ۋە تارباغاتاينىڭ قويلىرى، كالا بولسا ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى جايلاردىن ئېلىپ كېلىندى. بەلگىلىمە بويىچە تىرىك كالا-قوي بازارغا سېلىنىپ سېتىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، قۇشخانىدا سويۇلۇپ، پاكىزلىنىپ، ئەتىسى ھەر قايسى جايلاردىكى بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىلىرىغا قويۇلىدۇ، گۆشنىڭ يېڭى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.

  شەھەر ئاھالىسى ما يۈپىڭ ھەر يىلى چاغاننىڭ ئالدىدا زاپاس گۆش سېتىۋالىدۇ. بۇ قېتىم ئۇ جەمئىي 770 يۈەن خەجلەپ، تۆت كىلو كالا گۆشى ۋە يېرىم قوي گۆشى سېتىۋالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېڭى قوي گۆشىنىڭ ھەر كىلوگىرامى 35 يۈەن بولۇپ، بازار باھاسىدىن 25 يۈەنگە يېقىن ئەرزان، جىقراق سېتىۋالسام چاغاندىمۇ يېتىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ زاپاس گۆشىنىڭ باھاسى ئەرزان ھەم يېڭى، سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. ھەر قېتىم زاپاس گۆش بازارغا سېلىنغاندا، مەن كېلىپ سېتىۋالىمەن. ھۆكۈمەتنىڭ پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىدىكى كۆكتات ۋە قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئەرزان سېتىۋېلىشىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق شەھەر دەرىجىلىك زاپاس گۆش سېتىش نۇقتىلىرى ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى مەھەللە كومىتېتىنىڭ نازارەت قىلىشى ئاستىدا بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى (ئاشلىق ئىدارىسى) يەنە ھەر قايسى سېتىش نۇقتىلىرىنى قەرەلسىز نازارەت قىلىپ تۇرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر