خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز زۆھرەگۈل مەمەت خەۋىرى، فوتوسى) يېقىندا، ئاقسۇ شەھىرى قىزىل كۆۋرۈك كوچا ئىش باشقارمىسىنىڭ قىزىل كۆۋرۈك مەھەللە كومىتېتى چاغاننى كۈتۈۋېلىش ھەم ئاممىنىڭ قىشلىق مەنىۋى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيتىش ئۈچۈن، مول مەزمۇنلۇق تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇردى.
مۇسابىقىگە ۋاڭسەن كوچىسىدىكى 300دىن ئارتۇق تىجارەتچى، مەھەللە ئاممىسى ۋە تەتىلدە يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلار قاتناشتى. ئاخىرىدا نەتىجىگە ئېرىشكەن ماھىرلار ماددىي بۇيۇملار بىلەن مۇكاپاتلاندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى