باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتى ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەخسۇس گۇرۇپپىسى ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

2018.02.12 14:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتىنىڭ ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەخسۇس گۇرۇپپىسىغا ئەزا بولغان 21 ئورۇن 9- چېسلا بېيجىڭدا ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، جايلار ۋە تارماقلارنىڭ مەركەزنىڭ پىكىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يەنى ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمەت پىكىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى خۇلاسىلەپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان، مەركەز ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، «ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» مەخسۇس گۇرۇپپىسىغا ئەزا بولغان ھەر قايسى ئورۇنلار ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق تەربىيەسى، قانۇن ئىدارە قىلىش تەربىيەسى ۋە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئەدلىيە جەھەتتىن قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. كېيىنكى باسقۇچتا، ئاساسلىق قىلىپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسى، زەھەر چېكىش ۋە تور جىنايىتى قاتارلىق ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ ئۆسمۈرلەرگە بولغان سەلبىي تەسىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭىنى تىكلەشتىكى تەشۋىق-تەربىيەنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، مەكتەپ، ئائىلە ۋە مەھەللە قاتارلىق ئۈچ تەرەپنىڭ زەھەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەربىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇپ ئىشلەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تور مۇھىتىنى داۋاملىق تازىلاش؛ ياش-ئۆسمۈرلەرگە ئائىت قانۇن-نىزاملارنى چىقىرىشنى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشقا ئالاقىدار قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئۇنى دەلىللەشنى ياخشى ئىشلەش، «ياشلار تەرەققىياتىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلانىغا (2016- 2025 يىلىغىچە)» مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش دېگەندەك يۇقىرىقىدەك بىر قاتار ئىشلار قىلىنماقچى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر