باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئوخايو ئىشتاتىدا ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىككى ساقچى قازا قىلدى

2018.02.12 14:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا ئوخايو ئىشتاتى ۋېستىنى تۋېر شەھىرىدە 10- چېسلا ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىككى ساقچى قازا قىلدى. نۆۋەتتە بىر جىنايەت گۇماندارى ساقچىلار تەرىپىدىن توختىتىپ قويۇلدى.

  ۋېستىنى تۋېر شەھەرلىك ساقچى تەرەپ مۇنداق دېدى: ئىككى ساقچى شۇ كۈنى چۈشتە ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، دەرھال يولغا چىققان بولۇپ، نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندا، قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىراش نەتىجىسىدە، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ساقچى نەق مەيداندا قازا قىلدى، يەنە بىرى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتتى.

  ساقچى تەرەپنىڭ دېيىشىچە، بىر ئەر جىنايەت گۇماندارى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى جەريانىدا يارىلانغان، ھەمدە دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە، ئۇ جىنايەت گۇماندارى ساقچىلار تەرىپىدىن توختىتىپ قويۇلدى، ساقچى تەرەپ دېلونى تەكشۈرۈشنى ئېلىپ بارماقتا.

  ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ شۇ كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان ئىككى ساقچىنىڭ تاۋابىئاتلىرىدىن ھال سورىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر