- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ رۇسىيە يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
لى كېچياڭ رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
2018.02.13 16:50 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12-فېۋرال رۇسىيە يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: دۆلىتىڭلارنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ، ئايروپىلاندىكى بارلىق يولۇچى ۋە ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ناھايىتى چۆچۈدۈم. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، ھەم ئۆز نامىمدىن قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىمەن ۋە ئۇلاردىن ھال سورايمەن.
گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭمۇ 12-فېۋرال رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر