خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئەنگلىيەنىڭ لىۋېرپولدىكى دۇنيا مۇزېيىدا، بىر خىزمەتچى خادىم ئەسكەر-ئات ھەيكەللەر ئالدىدىن ئۆتمەكتە. جۇڭگو شەنشى ئۆلكىسى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى بىلەن ئەنگلىيە لىۋېرپول دۆلەتلىك مۇزېيى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن «چىن شىخۇاڭ ئەسكەر- ئات ھەيكەللەر كۆرگەزمىسى» 9-فېۋرال لىۋېرپول دۇنيا مۇزېيىدا رەسمىي باشلاندى. بۇ ئەسكەر- ئات ھەيكەللەرنىڭ 11 يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم ئەنگىلىيەدە كۆرگەزمە قىلىنىشى بولۇپ قالدى.
ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە جەمئىي 125 پارچە (گۇرۇپپا) بۇيۇملار قويۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 120 پارچە (گۇرۇپپا) مەدەنىيەت يادىكارلىقى كۆرگەزمە بۇيۇمى، بەش پارچە (گۇرۇپپا) قوشۇمچە كۆرگەزمە بۇيۇملىرى بار ئىكەن. كۆرگەزمە مەزمۇنى چوڭ تىپتىكى چىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى لەشكەر ۋە ئات ھەيكەللىرىنى ئاساس قىلىپ، ئەمىنىيە- يېغىلىق ۋە خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ساپال بۇيۇملار، برونزا قوراللار، ئالتۇن- كۈمۈش بۇيۇملار، قاشتېشى بۇيۇملار قاتارلىقلار قوشۇمچە قىلىنغان. كۆرگەزمە قىلىنغان بۇيۇملارنىڭ تارىخى 1000 يىلغا يېقىن تارىخنى ھالقىغان بولۇپ، چىن بەگلىكىنىڭ جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرۈشىنىڭ ئالدى-كەينى ھەمدە خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي، مەدەنىيەت قاتارلىق ئىجتىمائىي قىياپىتى مەركەزلىك نامايان قىلىنغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى