باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

پيۇڭچاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى: جۇڭگو شىنجاڭ تەنھەرىكەتچىسى تېز تېيىلىش قىزلار 1500 مېتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە چىقتى

2018.02.13 14:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ۋاقتى 12- فېۋرال، 2018- يىللىق پيۇڭچاڭ قىشلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تېز سۈرئەتتە مۇز تېيىلىش مۇسابىقىسىنىڭ ئۈچىنچى كۈنىدىكى تالىشىش قانات يايدۇرۇلدى. تېز تېيىلىش قىزلار 1500 مېتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو ماھىرى خاۋ خياچېن ۋە تيەن رۈينىڭ جەڭگە چىقتى.

  مۇسابىقىگە قاتناشقان ئىككى نەپەر جۇڭگو ماھىرى يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ قارامايدىن كەلگەن 21 ياشلىق ماھىر تيەن رۈينىڭ بولسا، ئۇنىڭ پارتلاش كۈچى ۋە ئاتاكىغا ئۆتۈش ئىقتىدارى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئۇنىڭدا يۈ جىڭ ۋە جاڭ خۇڭنىڭ سايىسىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. نۇرغۇن كەسپىي زاتلار تيەن رۈينىڭنى يۈ جىڭ ۋە جاڭ خۇڭنىڭ ئىز باسارى دەپ ئاتىشىدۇ.

  مۇسابىقە داۋامىدا، تيەن رۈينىڭ ئۈچىنچى گۇرۇپپىدا مەيدانغا چۈشۈپ، ئىچكى يولدا تېيىلىشقا باشلىدى. تېيىلىش باشلانغاندىن كېيىن، بىرىنچى ئايلانمىغا كەلگەندە، تيەن رۈينىڭ ھەممىنىڭ ئالدىدا ماڭدى، شۇ بويىچە تېيىلىپ مېڭىپ تۇنجى قېتىملىق يول ئالماشتۇرۇش رايونىغا كەلگەندە، شۇ گۇرۇپپىدىكى باشقا بىر ماھىر يولنى توسۇپ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىشى تۈپەيلىدىن تيەن رۈينىڭ تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىپ قويغىلى تاس قالدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، تيەن رۈينىڭ يەنىلا ئۆزىنىڭ ئايلانمىدا ئەپچىلغىنا ئەگىپ ئۆتۈپ كېتىش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، توسالغۇ قىلغان قارشى تەرەپتىن ئېشىپ كەتتى. ئەڭ ئاخىرقى 100 مېتىر ئىچىدە، تيەن رۈينىڭدە جىسمانىي كۈچىدە كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش كۆرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئەڭ ئاخىرى ئىككى مىنۇت 00 سېكۇنت 29 دەقىقەلىك نەتىجە بىلەن، 20-نىڭ سىرتىدا قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر