خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: CBA ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىسىنىڭ 37-ئايلانمىسىدا، شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 124 گە قارشى 132 نومۇر بىلەن فۇجيەن كوماندىسىنى يېڭىپ، رەت تەرتىپىدىكى ئورنى 6-ئورۇنغا چىقتى.
پۈتۈن مەيداندا، شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئادامس 44 نومۇر ئېلىش، 11 قېتىم پاس توپ بېرىش، سەككىز قېتىم توپ تارتىۋېلىش، شىرئەلى 30 نومۇر ئېلىش، ئالتە قېتىم گاردىن قايتقان توپنى تالىشىپ ئېلىش، قىرانبېك 16 نومۇر ئېلىش، يۈ چاڭدۇڭ 14 نومۇر ئېلىش، بەش قېتىم گاردىن قايتقان توپنى تالىشىپ ئېلىشتەك سانلىق كۆرسەتكۈچكە ئېرىشتى.
ئۈچىنچى چارەك مەيدان ئاياغلاشقاندا، شىنجاڭ كوماندىسى 94 نومۇرغا قارشى 99 نومۇر بىلەن ئارانلا بەش نومۇر ئارتۇق ئەھۋالدا قالدى. قارشى تەرەپنىڭ ئەزاسى چېن لىنجيەن ئۈچ نومۇرلۇق توپ تاشلاپ، نومۇر پەرقىنى قوغلاپ يېتىشكە ئاز قالغان چاغدا، شىنجاڭ كوماندىسىدىن شىرئەلى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ نومۇرلۇق توپ چۈشۈرۈپ، نومۇر پەرقىنى ساقلاپ قالدى. فۇجيەن كوماندىسى يەنىلا بەل قويۇۋەتمەي، چېن جيەنلىننىڭ ئۈچ نومۇرلۇق توپ ئېتىپ چۈشۈرۈشى، ۋاڭ جېلىننىڭ گارغا چىقىپ نومۇر ئېلىشى بىلەن، فۇجيەن كوماندىسى نومۇر پەرقىنى ئىككى نومۇرغا چۈشۈردى. ھالقىلىق پەيتتە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن يۈ چاڭدۇڭ «1+2» نومۇرغا ئېرىشتى، ئادامس بىلەن شىرئەلىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن تاشلىغان تۆت توپىنىڭ ھەممىسى چۈشۈپ، شىنجاڭ كوماندىسى مۇشەققەت بىلەن فۇجيەن كوماندىسىنى يېڭىپ، ئادەتتىكى مۇسابىقە پەسىللىك رەت تەرتىپىدە 8-ئورۇندىن 6-ئورۇنغا چىقتى.
مۇسابىقىدىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى لى چيۇپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: «بۈگۈنكى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، بىزنىڭ مۇداپىئەمىز دېگەندەك ياخشى بولمىدى، قارشى تەرەپ قايتۇرما ھۇجۇم ئارقىلىق 30 نەچچە نومۇر ئالدى، مۇسابىقىنىڭ 1-چارەك مەيدانىدا ۋە 4-چارەك مەيدانىدا، ئەزالىرىمىزنىڭ ئەستايىدىللىقى دېگەندەك ياخشى بولمىدى، بىر قەدەر بوشاڭلىق قىلىپ، قارشى تەرەپكە قايتۇرما ھۇجۇم قىلىدىغان پۇرسەت بېرىپ قويدى. ھۇجۇم جەھەتتىكى ئىپادىمىز ياخشى بولدى، بۇ مەيداندا، بىز ھۇجۇمىمىز ئارقىلىق مۇداپىئەدىكى ئاجىزلىقىمىزنى تولۇقلىدۇق.»
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى