باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

موسكۋادا كىشىلەر ھادىسىگە ئۇچرىغان ئايروپىلاندىكى قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى

2018.02.14 11:57   مەنبە: خەلق تورى

موسكۋادا كىشىلەر ھادىسىگە ئۇچرىغان ئايروپىلاندىكى قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-فېۋرالدىكى رۇسىيە خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئايروپىلانىنىڭ ھادىسىگە ئۇچراش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل رۇسىيە رازۋېدكا كومىتېتى 12-فېۋرال مۇنداق بىلدۈردى: دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، ھادىسىگە ئۇچرىغان ئەن-148 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى يەرگە چۈشۈپ كېتىپ پارتلاپ كەتكەن، ئايروپىلاننىڭ چېچىلىپ كەتكەن پارچىلىرىنىڭ چۈشۈش دائىرىسى 30 گېكتار (300 مىڭ كىۋادرات مېتىر) بولغان. ھادىسىگە ئۇچرىغان ئەن-148 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى 11-فېۋرال چۈشتىن كېيىن موسكۋادىن رۇسىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى شەھەر ئورسكقا بارماقچى بولغان بولۇپ، ئايروپىلان يەردىن كۆتۈرۈلۈپ ئۇزاق ئۆتمەي، ئايرودۇرۇمدىن 35 كىلومېتىر يېراقلىقتىكى موسكۋانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى سىتېفانوۋسكى كەنتىگە يېقىن بىر جايغا چۈشۈپ كەتكەن. ئايروپىلاندىكى ئالتە ئايروپىلان خادىمى ۋە 65 يولۇچىنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتىگە خىلاپلىق قىلغان ئاسپىرانت يېتەكچىسىنى «بىر چاتاق بىلەن…
    ·ئاز سانلىق مىللەت پەن-تېخنىكا تايانچلىرى ئالاھىدە تەربىيەلەشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن ئاساسىي پەنلەر تەتقىقاتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى «پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى
    ·ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتىنى ئومۇ…
    ·ئىككى ياشلىق بالىلارنى بېقىش ئەڭ تەس
    ·ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ نامى ئىلى ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆزگەرتىلىدۇ
    ·بېيجىڭ شەھىرى داشىڭ رايونىدا يېشى كىچىك ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن كېيىنكى ۋاقتىنى ئۇزارتىش مۇلازىمىتى ب…
    ·خۇنەندە قانۇن چىقىرىلىپ، يەسلىلەرنى نازارەت قىلىش ئاتا-ئانىلارغا ئېچىۋېتىلىدىغان بولدى
    ·جۇڭگو ئۆسمۈرلەر مەركىزى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكىنىڭ ئوينايدىغان…
    ·قازاقىستاننىڭ بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئوت كېتىپ، 52 ئادەم قازا قىلدى