باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چاغاندا جەم بولغان قوشماق تۇغقانلار

2018.02.22 16:38   مەنبە: خەلق تورى

چاغاندا جەم بولغان قوشماق تۇغقانلار

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت، پىراكتىكانت تۇمارىس ئەسقەر خەۋىرى) 2-ئاينىڭ 16-كۈنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغاننىڭ تۇنجى كۈنى. بۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى ئىتتىپاق يولىدىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 19-باشلانغۇچ مەكتەپ ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا ئولتۇرۇشلۇق 70 ياشلىق ۋاڭ خەيبونىڭ ئۆيى باشقىچە ئاۋاتلىشىپ كەتتى. ۋاڭ خەيبو موماينىڭ پەرزەنتلىرى بولمىغاچقا، يىلدا چاغاننى يالغۇز ئۆتكۈزۈپ، كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بولاتتى. بۇ يىل چاغاندا ئۇ يالغۇز قالمىدى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى، نەۋرە-چەۋرىلىرى كېلىپ، ۋاڭ خەيبو موماي بىلەن بىرلىكتە كۈڭۈللۈك چاغان ئۆتكۈزدى.

  شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى دۆڭكۆۋرۈك تەۋەلىك رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ئىتتىپاق ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى رىزۋانگۈل قادىر بىلەن ئۈرۈمچى «سەركار» ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى تاھىر مامۇت ئائىلىسىدىكىلەرنى باشلاپ، چاغاننىڭ 1-كۈنىلا ئاپىسى ۋاڭ خەيبونىڭ ئۆيىگە ئۇنىڭ چاغىنىنى مۇبارەكلەپ كەلدى. بىر نەچچە كۈن بۇرۇن، رىزۋانگۈل قادىر ئاپىسى ۋاڭ خەيبونىڭ سالامەتلىكىنىڭ تازا ياخشى ئەمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭ ئۆيلىرىنى تازىلاپ، پەردىلىرىنى يۇيۇپ ئېسىپ، ھەر خىل تاتلىق-تۇرۇملەرنى ئەكىرىپ ئۈستەللەرگە تىزىپ، چاغانلىق تەييارلىقنى قىلىپ بەرگەنىدى. ئوغلى تاھىر مامۇتمۇ ئاپىسى ۋاڭ خەيبونىڭ ئېغىر-يېنىك ئىشلىرىنى قىلىپ بېرىپ، كەم-كۇتا نەرسىلىرىنى تولۇقلاپ، موماينىڭ چاغاننى خاتىرجەم، خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم بەرگەنىدى. ۋاڭ خەيبو موماي تۆت ياشلىق نەۋرىسى نەسىرە جېلىلغا ئىنتايىن ئامراق ئىدى، بۈگۈن رىزۋانگۈل قىزى نەسىرەنى بىللە ئېلىپ كېلىۋىدى، موماي ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كەتتى. ئۇ ئالدى بىلەن نەۋرىسىگە ھېيتلىق بەردى، ئاندىن ئوماق نەسىرە بىلەن بىللە ناخشا ئېيتىپ، ئۇنىڭغا مېۋىلەرنى ئاقلاپ بەردى.

  _ مەن ياشىنىپ قالدىم، پەرزەنتىممۇ يوق، تۆۋەن كاپالەت پۇلى بىلەن تۇرمۇشۇمنى قامدايمەن، _ دېدى ۋاڭ خەيبو موماي، _ ئىتتىپاق مەھەللىمىزدە ئۇيغۇر قوشنىلار بىلەن ئەزەلدىن ئۇرۇق-تۇغقانلاردەك ئېجىل-ئىناق ئۆتەتتۇق. مەن يالغۇز بولغاچقا، قوشنىلىرىم ئوخشىتىپ تاماق ئەتسە، ماڭا بىر قاچا سۇنۇشنى ئۇنتۇپ قالمايتتى. قېرىغانسېرى ماغدۇرۇمدىن قىلىپ، دوختۇرخانىدىن كېلەلمەيدىغان بولۇپ قالدىم. كېيىنكى كۈنلىرىمدىن ئەنسىرەپ، تولا كۆز يېشى قىلىپ يۈرگەن كۈنلەردە، مەھەللە ئاھالە كومىتېتى رىزۋانگۈل قىزىمنى ۋە ئىككى ياش يىگىتنى مەن بىلەن تۇغقان قىلىپ قويدى. شۇ كۈندىن باشلاپ مەن بىر قىز، ئىككى ئوغۇللۇق بولۇپ قالدىم. ئۇلار ھەر ۋاقىت مەندىن ئەھۋال سوراپ، دورىلىرىمنى ۋاقتىدا ئەكىلىپ بېرىپ، ھالىمدىن ياخشى خەۋەر ئېلىۋاتىدۇ. چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئىككى ئوغلۇم بىلەن مەھەللە ئاھالە كومىتېتىدىكىلەر چاغانىمىزنى تەبرىكلەپ بىزنى رېستورانغا ئاپىرىپ، مەززىلىك تاماقلارنى يىگۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ناخشا-ئۇسسۇللىرىدىن ھۇزۇرلاندۇردى. مېنىڭ ئۇنداق ئېسىل رېستورانغا تۇنجى بېرىشىم بولغاچقا، ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. بۇ يىلقى چاغىنىم ئىنتايىن مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك ئۆتتى. مەن بۇرۇن چاغاندا ئاتا-ئانىلىرىنى يوقلاپ كەلگەن پەرزەنتلەرنى كۆرسەم، «مېنىڭمۇ پەرزەنتلىرىم بولغان بولسا، نەقەدەر ياخشى بولاتتى-ھە» دەپ كۆڭلۈم بۇزۇلاتتى. بۇ يىل ئازراقمۇ غىرىپلىق ھېس قىلمىدىم. بىزدەك ياشانغانلارغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان پارتىيە، ھۆكۈمەتكە ھەم ھالىمدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان بىر قىزىم، ئىككى ئوغلۇمغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن.

  2-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئىتتىپاق ئاھالە كومىتېتى بىلەن «سەركار» ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» تېمىسىدا چاغانلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئىتتىپاق مەھەللىسىدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى چاغاننى بىرلىكتە تەبرىكلەپ، چاغان شادلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشكە تەشكىللىگەنىدى، پائالىيەتتە تەۋەلىكتىكى ھەر مىللەت ئامما قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن بىللە ھەر خىل نومۇرلارنى ئورۇنلاپ، خۇشال-خۇرام ئويناپ-كۈلۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۇ ئەنئەنىۋى بايرىمىنى ئورتاق تەبرىكلىگەنىدى. شۇ كۈنى 70 ياشلىق ۋاڭ خەيبو بىلەن 78 ياشلىق موماي ياۋ رۇڭخۇا قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى تاھىر مامۇت ۋە ئابدۇۋارىس تۇرسۇن بىلەن بىللە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، چاغان شادلىقىدىن ئورتاق بەھرىلەندى.

  _ تەۋەلىكىمىزدىكى ئابدۇۋارىس تۇرسۇن بىلەن تاھىر مامۇت ئاھالە كومىتېتىغا ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى ئەڭ ئېغىر ياشانغان قېرىنداشلار بىلەن تۇغقان بولۇش ئويى بارلىقىنى ئېيتىپ كىرىپتىكەن،−دېدى ئىتتىپاق مەھەللە ئاھالە كومىتېتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شادىيە شىرىپ، − ئۇلارنى مەھەللىمىزدىكى ياشىنىپ قالغان، قارىغۇچىسى يوق موماي ياۋ رۇڭخۇا ۋە ۋاڭ خەيبو بىلەن تۇغقان قىلىپ قويدۇق. ئۇلار تۇغقان بولغاندىن كېيىن، خەنزۇ ئانىلىرىغا خۇددى ئۆز ئانىسىغا كۆيۈنگەندەك كۆيۈنۈپ مېھرىبانلىق يەتكۈزدى، بىزمۇ ھازىر ئىككى مومايدىن خاتىرجەم بولدۇق، چاغاندا مومايلارنىڭ خۇشاللىقىغا قاراپ بىزمۇ ئىنتايىن خۇش بولدۇق.

  __ 56 مىللەت 56 تال گۈل، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىر ئائىلە كىشىلىرى،−دېدى «سەركار» ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئابدۇۋارس تۇرسۇن شۇ كۈنىدىكى چاغاننى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە، − پارتىيە، ھۆكۈمەت بىزنى تەربىيەلەپ قاتارغا قوشتى. جەمئىيەت مۇقىم، سىياسەت ياخشى، ھەر مىللەت ئامما ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتكەچكە، بۈگۈنكى بەختلىك كۈنلەرگە ئېرىشتۇق. شۇڭا بىز پارتىيەگە، ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، تۇغقانلاشقان ئانىلىرىمىزنىڭ كۈنلىرىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە چامىمىزنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىۋاتىمىز. ئۇلار يالغۇز ئەمەس، شىنجاڭدىكى بارلىق پەرزەنتلەر ئۇلارنىڭ پەرزەنتى، ئۇلارنى بىز ھەرگىز يالغۇز قويمايمىز، چاغاننى ئۇلار بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىنى تېخىمۇ خاتىرجەم ئۆتكۈزۈشىگە داۋاملىق ياردەم قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتىگە خىلاپلىق قىلغان ئاسپىرانت يېتەكچىسىنى «بىر چاتاق بىلەن…
    ·ئاز سانلىق مىللەت پەن-تېخنىكا تايانچلىرى ئالاھىدە تەربىيەلەشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن ئاساسىي پەنلەر تەتقىقاتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى «پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى
    ·ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتىنى ئومۇ…
    ·ئىككى ياشلىق بالىلارنى بېقىش ئەڭ تەس
    ·ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ نامى ئىلى ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆزگەرتىلىدۇ
    ·بېيجىڭ شەھىرى داشىڭ رايونىدا يېشى كىچىك ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن كېيىنكى ۋاقتىنى ئۇزارتىش مۇلازىمىتى ب…
    ·خۇنەندە قانۇن چىقىرىلىپ، يەسلىلەرنى نازارەت قىلىش ئاتا-ئانىلارغا ئېچىۋېتىلىدىغان بولدى
    ·جۇڭگو ئۆسمۈرلەر مەركىزى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكىنىڭ ئوينايدىغان…
    ·قازاقىستاننىڭ بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئوت كېتىپ، 52 ئادەم قازا قىلدى