خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سىچۈەنگە بېرىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە چاغانلىق گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.
باش باھاردىكى سىچۈەننىڭ ھاۋاسى ھېلىھەم سوغۇق بولسىمۇ، لېكىن جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى. شى جىنپىڭ 2-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 13-كۈنىگىچە سىچۈەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ دۇڭمىڭ، ئۆلكە باشلىقى يىن لىنىڭ ھەمراھلىقىدا، لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئابا زاڭزۇ-چياڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، چېڭدۇ شەھىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، كەنت-بازار، كارخانا، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات خىزمىتىنى، ۋېنچۈەننىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، قايتا قۇرۇش تەرەققىيات ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىغا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى.
سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مەملىكەت بويىچە يىزۇلار ئولتۇراقلاشقان ئەڭ چوڭ رايون ۋە سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى مىللەت تۈرى، ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسى ئەڭ كۆپ رايون. تەبىئىي شارائىتى ناچار ۋە تەرەققىياتى نىسبەتەن ئارقىدا بولغاچقا، بۇ ئوبلاست مەملىكەت بويىچە مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ بىرى، ئوبلاستتىكى 17 ناھىيە، شەھەرنىڭ 11ى دۆلەتنىڭ يۆلەش-ئېچىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيە، شەھەر. شى جىنپىڭ بۇ جايدىكى ئاممىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى. 2-ئاينىڭ 11-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن قاردىن كېيىنكى دالياڭ تېغى ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمگەنىدى، يول بويى تۇمان سۆڭگىسى ئۈستىدە كۈمۈش نۇرلار جىمىرلايتتى. شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، تىك ھەم چوڭقۇر جىلغا بويلىغان پەنشەن تاشيولىدا تۆت سائەتتىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، دالياڭ تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان جاۋجۆ ناھىيەسى سەنچاخې يېزىسىنىڭ سەنخې كەنتى ۋە جيېفاڭ يېزىسىنىڭ خوپۇ كەنتىگە بېرىپ، نامرات ئاممىنى يوقلىدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى