باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «مەركىزىي كومىتېتنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى تۈزۈش خىزمىتىنىڭ 2-بەش يىللىق يىرىك پىلانى(2018-يىلدىن 2022-يىلىغىچە)» نى بېسىپ تارقاتتى

2018.02.24 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا «مەركىزىي كومىتېتنىڭ پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى تۈزۈش خىزمىتىنىڭ 2-بەش يىللىق يىرىك پىلانى(2018-يىلدىن 2022-يىلىغىچە)»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىرىك پىلان» دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقاتتى. «يىرىك پىلان»دا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا، بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كۆزدە تۇتۇلۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىلدىكى پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىنىپ، يېتەكچى ئىدىيە، نىشان-تەلەپلەر، نۇقتىلىق تۈرلەر ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈدىغان مۇھىم يېتەكچى ھۆججەت.

  «يىرىك پىلان»دا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى تۈزۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارشى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىش، ئۇلۇغ ئىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلۇغ ئارزۇغا يېتىشنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ باش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن پارتىيەنى نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئىدىيە جەھەتتىن قۇرۇش ۋە پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا ئوخشاش يۆنىلىشلىك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام-تۈزۈملىرىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېزدىن تۈگىتىپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك تۈزۈملىرىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيىتپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش-ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە باشتىن-ئاخىر كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  «يىرىك پىلان»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشنىڭ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغاندا پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ ئاساس، مىزان-نىزاملارنى ئاساسىي غول قىلغان، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىنى قاپلىغان پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام-تۈزۈم سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش ھەم ئەمەلىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز بېيىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزام- تۈزۈملىرىنىڭ سۈپىتى، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش، سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر