باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

باش شۇجى مىھىر- مۇھەببەتنى تاغدەك ئەزىر كۆرىدۇ (باش شۇجىنىڭ خەلققە بولغان مۇھەببەت رىشتى)

2018.02.23 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىمالىي شەنشى ئىگىزلىكىدە چاغان كەيپىياتى تولىمۇ قويۇق، ھەممە ئائىلىلەر چاغانلىق قىزىل مەسنەۋى چاپلايدۇ، ياغدا پىشۇرۇلغان پورۇژنىلەرنى تەييارلايدۇ، پوجاڭزا ئاۋازى ھەممىلا جايدا ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ: «ئەينى چاغدا بۇ يەردىن كەتكىنىم بىلەن كۆڭلۈم مۇشۇ يەردە قالغان» دېگەنىدى. ھازىر ئۇنىڭ لياڭجىياخېدىن كەتكىنىگە 40 نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، يۇرتداشلارنى كۆرسە ھەممىسىنىڭ ئەركىلەتمە ئىسمىنى چاقىرالايدۇ، سۈيۋا، خېيزى، تېسو.... يۇرتداشلار باش شۇجى بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈنلەرنى ئەسلەپ مۇنداق دېيىشتى: «جىنپىڭ بىزنى ئەزەلدىن ئۇنتۇپ قالمىدى، ئۇ مىھىر- مۇھەببەتنى ئەزىزلەيدىغان كىشى».

  «مېھىر-مۇھەببەتنى ئەزىزلەش»، مەن باش شۇجىنىڭ ئىزىنى بويلاپ زىيارىتىمنى باشلىدىم، ئۇ ئوقۇغان مەكتەپ، ئەينى چاغدا يېزىغا چۈشكەندە تۇرغان كەنت، ئەينى چاغدا خىزمەت قىلغان ناھىيە، خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان جاي، ھەتتا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە چىققان ئەللەردىمۇ بۇ سۆزنى دائىم ئاڭلىدىم. بۇ «سېرىق تۇپراق ئوغلانى» كۆڭلىگە لياڭجياخېدىكى يۇرتداشلارنى پۈكۈپلا قالماستىن، توققۇز مىليۇن 600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق بىپايان زېمىندىكى يۇرتداشلارنىڭ غېمىنى باشتىن-ئاخىر يەپ كەلدى.

  لياڭجياخې كەنتىدىكى شى چۈنياڭ

  «ئۇ ھەمىشە ئامما ئەڭ ئېھتىياجلىق ئىشلارنى قىلىدۇ»

  [شى جىنپىڭ زىيالى ياش بولۇپ يېزىغا چۈشكەن يەتتە يىلدا لياڭجياخې كەنتىدىكى شى چۈنياڭ بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان. 1975- يىلى 10- ئايدا شى جىنپىڭ لياڭجياخېدىن كەتكەندىن كېيىن، شى چۈنياڭ كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولدى، 2016- يىلى يەنە دالياڭجياخې پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى بىباھا بايلىق قالدۇرۇپ كەتتى، «مىھىر- مۇھەببەت» شۇ بايلىقلارنىڭ بىرى.]

  شى چۈنياڭ كىرىسلودا ئولتۇرۈپ، كەينىدىكى تامغا ئېسىلغان 2015- يىلى 2- ئايدا باش شۇجى لياڭجياخېغا كەلگەندە تارتىلغان بىر نەچچە پارچە سۈرەتنى كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «يۇرتداشلار ئۇنى بەك يېقىن كۆرىدۇ، پات- پات گېپىنى قىلىدۇ». سۇپا ئوبدانلا ئىسسىغانىدى، مەشتىكى چۆگۈندە سۇ بىر خىل قايناۋاتاتتى، ئاسلانچاق پۇتۇمغا چاپلىشىپ ياتتى.

  دەرىزىدىن سىرتقا قارىغىنىمدا، بۇ زېمىن باشتىن كەچۈرگەن نەچچە مىڭ يىللىق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش نامايەن بولغاندەك بولدى.

  1969- يىلى 1- ئايدا، يېزىغا زىيالىي ياش بولۇپ چۈشكەن شى جىنپىڭ شىمالىي شەنشىدىكى كونا ئىنقىلابىي رايونغا جايلاشقان بۇ تاغلىق كەنتكە كەلدى. ئۇ چاغدا شىمالىي شەنشىدە ھەممە كىشى گەمە ئۆيلەردە تۇراتتى. شى چۈنياڭ مۇنداق دېدى:«شى جىنپىڭ لياڭجياخې كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان قىسقىغىنە بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، بۇ نامرات كەنتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. ئۇ كەنتتىكىلەرنى باشلاپ شەنشىدىكى تۇنجى پاتقاق گازى كۆلچىكىنى كولىدى، سۇغىرىش قۇدۇق قازدى، تۈمۈرچىلىك كوپىراتىپى، تىككۈچىلىك كوپىراتىپى، ۋەكالىتەن سېتىش دۇكىنى، تۈگمەن قۇردى... كەنت دوقمۇشىدىكى يوغان لاتقا توغاننى جىنپىڭ بىزگە يېتەكچىلىك قىلىپ ياسىغان».

  شى چۈنياڭ مۇنداق دېدى: «باش شۇجى كەنتىمىزگە قالدۇرغان ئەسلىھەلەرنى ھازىرمۇ ئىشلىتىۋاتىمىز. ئۇ ھەمىشە ئامما ئېھتىياجلىق ئىشلارنى قىلىدۇ، بىزگە 40 نەچچە يىلدىن بۇيان مېھىر-مۇھەببىتىنى يەتكۈزۈپ، كەنتتىكىلەرنىڭ قەلبى ئىللىقلىققا تولدۇردى».

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر