باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خېبىي شيوڭئەن يېڭى رايونىنىڭ پىلان قۇرۇلۇشىدا «يۇرت ئىزنالىرى» ساقلاپ قېلىنىدۇ

2018.02.23 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 21-فېۋرال خېبىي شيوڭئەن يېڭى رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، شيوڭئەن يېڭى رايونى پۈتۈن رايون دائىرىسىدە «يۇرت ئىزنالىرىنى ساقلاپ قېلىش مەخسۇس ھەرىكەت پىلانى»نى يولغا قويۇپ، پۇقرالارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشى بىلەن زىچ باغلانغان، كوللېكتىپ خاتىرىسىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان ماددىي ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت خاتىرىسىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە قوغداش ئوبېيكتىغا كىرگۈزۈپ، تۈرلەرگە ئايرىپ ئارخىپ تۇرغۇزۇپ «يۇرت ئىزنالىرى»نى ساقلاپ قالىدىكەن. ھازىرغا قەدەر، يۆتكەشكە بولمايدىغان 592 جايدىكى مىراس، يۆتكەشكە بولىدىغان 345 جايدىكى مىراس تىزىملانغان.

  2018-يىلىنىڭ بېشىدا، شيوڭئەن يېڭى رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتى، باشقۇرۇش كومىتېتى پۈتۈن رايون تەۋەسىدە «يۇرت ئىزنالىرىنى ساقلاپ قېلىش مەخسۇس ھەرىكىتى»نى يولغا قويدى، بۇ، يۇرت خاسلىقى مەدەنىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، تىزىملاش ۋە ۋارىسلىق قىلىش پائالىيىتى بولۇپ، كونا ئۆي، كونا قۇدۇق، كونا دەرەخ، كونا تۈگمەن، تەمىنات-سودا كوپىراتىپى، يېزا-سەھرا دوختۇرخانىسى، كىنوخانا، سەھنە، كۆۋرۈك، توما، سۇ مۇنارى، شيوڭئەن زوگېجۇاڭ قەھرىمانلار قەبرىستانلىقى، ئەنشىنرۈي كەنتى پاجىئەسى خارابىسى، چۈنتۇ مۇزىكا كېچىلىكى ئورنى...، شيوڭئەن خەلقىنىڭ ئورتاق تارىخى خاتىرىسىنى ئىپادىلەيدىغان مىراسلار ئارخىپ تۈزۈلۈپ «ساقلاپ قېلىندى».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر