باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«جۇڭگو ئارزۇسى» __ ياشلارنىڭ ئارزۇسى

2018.02.14 11:53   مەنبە: خەلق تورى

«جۇڭگو ئارزۇسى» __ ياشلارنىڭ ئارزۇسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مۇيەسسەر ئاباھامىت خەۋىرى) 2-ئاينىڭ 6-كۈنى، توقسۇن ناھىيەسى توقسۇن بازىرىدا تەتىلدە يۇرتىغا قايتقان ئىستودېنتلارنىڭ ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى. كۆرگەزمىدە تەتىلدە يۇرتىغا قايتقان 56 ئىستودېنت رەتلىك تىزىلىپ، «ئەسلىي مەقسەت» تېمىسىدىكى 100 مېتىرلىق سۇ بوياق رەسىمنى كۆتۈرۈپ كۆرگەزمە قىلدى.

  ياشلارنىڭ يۈرەك ساداسى

  بېيجىڭ تيەنئەنمىن مەيدانى، خەلق سارىيى، ماۋ زېدۇڭ خاتىرە سارىيى، شاڭخەي شەرقتىكى مەرۋايىت تېلېۋىزىيە مۇنارى، ئۈرۈمچى ئاسىيانىڭ جۇغراپىيەلىك مەركىزى، تۇرپان يالقۇنتاغ، سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى، توقسۇن ئاق تېرەك ئۆستىڭى، غەلىتە تاش ئورمانلىقى... قاتارلىق مەملىكىتىمىزنىڭ جاي-جايلىرىدىكى ناماياندە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش، دەريا ۋە تاغلار سۇ بوياق رەسىم ئارقىلىق كۆرگەزمە قىلىندى. رەڭگارەڭ مىللىيىچە كىيىملەرنى كىيگەن 56 مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ رەسىمى، جىڭجۈي تىياتىرى نىقابى، 12 مۆچەل قەغەز قىيمىسى، قۇت قونچاق، جۇڭگو گۇمپىسى قاتارلىق جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئىلغار مەدەنىيەت ئامىللىرى چۈشۈرۈلگەن سۇ بوياق رەسىم ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشناۋاتقانلىقىنى جانلىق نامايان قىلغانىدى. 100 مېتىرلىق سۇ بوياق رەسىملەر توپلىمىدا پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى نۇقتىلىق گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ كەنتتىكى ياخشى ئىش-ئىزلىرى ھەم «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ئەسلەپ ئۆتۈلگەنىدى.

  شىنجاڭ ساقچى ئوفىتسېرلار مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى گۈلنۇر خېلىل كىچىكىدىن رەسىم سىزىشنى ياخشى كۆرەتتى، بۇلتۇر يازلىق تەتىلدە ئۇ ناھىيەسىدە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» تېمىسىدا 25 مېتىرلىق رەسىم سىزىپ، ناھايىتى ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشكەنىدى. قىشلىق تەتىلدە ئۇ يەنە 100 مېتىرلىق «ئەسلىي مەقسەت» تېمىسىدا رەسىم سىزىش ئويىغا كېلىپ، مەقسىتىنى جياڭشى جۇڭگو تېبابىتى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدىغان ئاچىسى قەدىرىيە خېلىلغا ئېيتتى. بۇنى ئاڭلىغان قەدىرىيە خېلىل ئىنتايىن خۇش بولدى. سىڭلىسىنىڭ سىزماقچى بولغان رەسىملىرى پەقەت ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرى بولماستىن، شىنجاڭدىكى بارلىق ئىستودېنتلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئىدى. گۈلنۇر خېلىل بۇلتۇر يازلىق تەتىلنى تۈگىتىپ مەكتەپكە قايتقاندىن كېيىن، بوش ۋاقىتلىرىدا 100 مېتىرلىق سۇ بوياق رەسىمنى سىزىشنى باشلىدى. بۇ يىل قىشلىق تەتىلدە يۇرتىغا قايتقاندا، توقسۇن بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى نەتىجىسىدە 100 مېتىرلىق رەسىمنى سىزىپ تاماملاپ، چاغان ھارپىسىدا كۆرگەزمە قىلدى. ناھىيەدىكى تەتىلدە يۇرتىغا قايتقان ئىستۇدېنتلار «بۇ 100 مېتىرلىق سۇ بوياق رەسىم يۇرتىمىزدىكى بارلىق ئىستودېنتلارنىڭ يۈرەك ساداسى، ئارزۇسىنى نامايان قىلدى»، دېدى.

  ياشلارنى چېنىقتۇرغان ۋاقىتلىق ئىتتىپاق كومىتېتى

  توقسۇن بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى تەۋەلىكىدىكى يۇرتىغا قايتقان ئىستودېنتلارنى يىغىپ، ئىككى قېتىم سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ مەكتەپلەردە تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئۆتەيدىغانلىقى، ھەممەيلەننىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىقى بارلىقىنى، ئۆزىنى تەربىيەلەپ قاتارغا قوشقان ئانا يۇرتىغا ھەم ھازىرقىدەك ياخشى ئوقۇش شارائىتىنى يارىتىپ بەرگەن پارتىيە، ھۆكۈمەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، يۇرتىغا ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش ئويىنىڭ بارلىقىنى بىلىپ، بازاردىكى سەككىز ئاھالە كومىتېتىدىكى تەتىلدە يۇرتىغا قايتقان ئىستۇدېنتلار ئىچىدىن تاللاپ، ئارتۇقچىلىقى بار يەتتە ئوقۇغۇچىدىن تەشكىللەنگەن ۋاقىتلىق ئىتتىپاق كومىتېتىنى قۇردى. بۇ يەتتە ئوقۇغۇچى ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ ھەر خىل ۋەزىپىلىرىگە تەيىنلىنىپ، تەتىلدە يۇرتىغا قايتقان 700 نەچچە ئىستۇدېنتنى يېتەكلىدى. ئالدى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئوي-خىياللىرى بويىچە لايىھە تۈزۈپ، تەتىلدە يۇرتىغا قايتقان ئىستودېنتلارنى قانداق پائالىيەتلەرگە تەشكىللەش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى، ئاندىن شۇ بويىچە ھەرىكەت قىلدى. ئۇلار چاغاننى تەبرىكلەپ، سەككىز مەھەللىدە ھەر خىل مەزمۇندىكى ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى. تەتىلدە يۇرتىغا قايتقان ئىستۇدېنتلارنىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىدىن زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. شەنبە، يەكشەنبە كۈنىدىكى «ئۈچنى ئۆگىنىش، بىرنى ئىپادىلەش» پائالىيىتىدە ئوقۇغۇچىلارنى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈشكە تەشكىللىدى. ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنى ئائىلىلەرگە كىرىپ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدا تەشۋىق-تەربىيە ئېلىپ بېرىشقا تەشكىللەپ، ئۇلارغا ئىش ھەققى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئاز-تولا قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.

  توقسۇن بازارلىق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شازادىگۈل ئۆمەر مۇنداق دېدى: ۋاقىتلىق ئىتتىپاق كومىتېتىمىزنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولدى، ئىتتىپاق كومىتېتىمىزدىكى يەتتە ئىستۇدېنت ئۆزلىرى باش بولۇپ، باشقا ئىستۇدېنتلارنى ناھايىتى ياخشى يېتەكلەپ ماڭدى. ئۇلار ئائىلىلەرگە كىرىپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، باشقىلارنىڭ تۇرمۇشى بىلەن ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدىكى پەرقنى ھېس قىلدى ھەم پارتىيە، ھۆكۈمەتكە بولغان مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ئاشتى.

  ئىستۇدېنت مۇخبىرلار

  توقسۇن بازارلىق ۋاقىتلىق ئىتتىپاق كومىتېتىدىكى يەتتە ئىستۇدېنتتىن تەشكىللەنگەن مۇخبىرلار قوشۇنى ناھىيەدىكى مەھەللىلەردە ئاھالىلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئەتراپىدىكى ئىلغار ئىش-ئىزلارنى، ئاساسىي قاتلامغا چۈشكەن كادىرلارنىڭ خەلققە قىلىپ بەرگەن نۇرغۇن ياخشى ئىشلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ئۆزلىرىگە تەسىر قىلغان يورۇق نۇقتىلارنى قەلەملىرى بىلەن ئىپادىلەپ، توقسۇن ھەم تۇرپاندىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئېلان قىلدى. ئىگىلىك تىكلىگەن ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەشكە بولغان قىزغىنلىقى ئاشتى، تۇرمۇش ئەمەلىي بىلىملىرى ئۆستى. كۈندىلىك پائالىيەتنىڭ پىلان لايىھەسىنى تۈزۈش، خۇلاسىسىنى قىلىش، ئۇچۇر، رەسىم توپلاش، ئارخىپىنى رەتلەش قاتارلىقلارنى ئىستۇدېنتلار ئۆزلىرى قول سېلىپ قىلىپ، ناھايىتى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى. ئىستۇدېنتلارنىڭ دوستلار چەمبىرەكلىرىنى كۆرگەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ساۋاقداشلىرى ئۇلارنىڭ مەنىلىك ئۆتۈۋاتقان تەتىلىگە ھەۋەس قىلىپ، ئۇلارغا نۇرغۇن ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈرۈشتى.

  تيەنجىن كەسپىي-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مۆھتىرەم شاھئابلەت مۇنداق دېدى: مەن ۋاقىتلىق ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە نۇرغۇن ياخشى ئىشلارغا شاھىت بولدۇم. تەۋەلىكىمىزدىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلەردىكى بالىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزدۇق. ئۆزىمىزنىڭ ئۆگىنىش تەجرىبىلىرىمىزنى، گۈزەل ئالىي مەكتەپ ھاياتىمىزنى بالىلارغا سۆزلەپ بېرىپ، ئۇلارنى ياخشى ئوقۇشقا يېتەكلەپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ تەتىل تۇرمۇشىنى موللاشتۇردۇق. پىدائىي بولۇپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىلدۇق. بۇ جەرياندا پارتىيەگە، ۋەتەنگە بولغان مىننەتدارلىقىم ھېسسىياتىم تېخىمۇ كۈچەيدى، تۇرمۇش بىلىمىمىز تېخىمۇ موللاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلىق پەزىلىتىگە خىلاپلىق قىلغان ئاسپىرانت يېتەكچىسىنى «بىر چاتاق بىلەن…
    ·ئاز سانلىق مىللەت پەن-تېخنىكا تايانچلىرى ئالاھىدە تەربىيەلەشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ
    ·گوۋۇيۈەن ئاساسىي پەنلەر تەتقىقاتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى «پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى
    ·ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېڭى دەۋردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتىنى ئومۇ…
    ·ئىككى ياشلىق بالىلارنى بېقىش ئەڭ تەس
    ·ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ نامى ئىلى ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆزگەرتىلىدۇ
    ·بېيجىڭ شەھىرى داشىڭ رايونىدا يېشى كىچىك ئوقۇغۇچىلارنى دەرستىن كېيىنكى ۋاقتىنى ئۇزارتىش مۇلازىمىتى ب…
    ·خۇنەندە قانۇن چىقىرىلىپ، يەسلىلەرنى نازارەت قىلىش ئاتا-ئانىلارغا ئېچىۋېتىلىدىغان بولدى
    ·جۇڭگو ئۆسمۈرلەر مەركىزى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېرىمدىن كۆپرەكىنىڭ ئوينايدىغان…
    ·قازاقىستاننىڭ بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئوت كېتىپ، 52 ئادەم قازا قىلدى