باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭدا ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىققا ئىگە بالىلار يەسلىلىرى كۆپەيتىلىدۇ

2018.02.23 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىلدىن باشلاپ 2020-يىلىغىچە ئۈچ يىل ۋاقىت ئىچىدە، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئوقۇشتىن بۇرۇنقى مائارىپ ئۇنۋانىدىكى بوشلۇق 170 مىڭدىن 180 مىڭغىچە بولىدىغان بولۇپ، «يەسلىگە كىرىش تەس بولۇش» مەسىلىسى قانداق ھەل قىلىنىدۇ؟ ئىگىلەشكە قارىغاندا، بېيجىڭ شەھىرى نۆۋەتتە بېيجىڭنىڭ ئوقۇشتىن بۇرۇنقى مائارىپ 3-قارارلىق ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويغان بولۇپ، كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق «يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاپ»، ئوقۇشتىن بۇرۇنقى مائارىپ بىلەن تەمىنلەش سانى ۋە سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىدىكەن.

  بېيجىڭ شەھىرى ئوقۇش ئۇنۋانىدىكى يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاش ئۈچۈن، بىر تەرەپتىن داۋاملىق مائارىپ تارماقلىرى قۇرغان يەسلىلەرنىڭ سانىنى تۇراقلاشتۇرىدۇ ۋە كېڭەيتىدۇ، كارخانا ئورۇنلار، ھەربىي قىسىملارنىڭ يەسلى قۇرۇشىنى رىغبەتلەندۈرىدۇ، ئەلئارا كاپىتالنىڭ ئوقۇشتىن بۇرۇنقى مائارىپ ساھەسىگە كىرىپ، يەسلى قۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە قوللايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بېيجىڭ شەھىرى كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ يەسلى قۇرىدۇ، كىنىشكىسىز يەسلىلەرنى كۈچەپ تۈزەيدۇ، كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئوقۇش ئورنى سانىنى كۆپەيتىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار بايلىقى جەھەتتە، بېيجىڭ شەھىرى يەسلى مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىدۇ، ئوقۇشتىن بۇرۇنقى مائارىپنىڭ «كىرىش بوسۇغىسى»نى تەرتىپكە سالىدۇ، خىزمەتچى قوبۇل قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ. «يېتەرسىزلىكنى ۋە ئاجىزلىقنى تولۇقلاش» جەھەتتە، بېيجىڭ شەھىرى «ئوقۇشتىن بۇرۇنقى مائارىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلىمە»نى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ بەلگىلىمىدە ئوقۇشتىن بۇرۇنقى مائارىپنى باشقۇرۇش مېخانىزمى، ئۇسۇلى ۋە چارىسى، كونكرېت تەدبىرلەر ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ھەر بىر يەسلىگە بىردىن مەكتەپ نازارەتچىسىنى سەپلەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر