باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا دائىر 33 جامائەت مەنپەئەتى دەۋاسىنىڭ دېلو يىپ ئۇچىنى بېجىرىشكە ئىگە بولۇپ ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ

2018.02.23 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تور پونكىتى 22-فېۋرال مۇنۇلارنى خەۋەر قىلدى: جامائەت مەنپەئەتىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، دېلو بېجىرىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا دائىر 33 جامائەت مەنپەئەتى دەۋاسىنىڭ دېلو يىپ ئۇچىنى بېجىرىشكە ئىگە بولۇپ ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قارار قىلدى. بۇ دېلو يىپ ئۇچلىرىنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 2017-يىلدىن بۇيان ھەيدەكچىلىك قىلغان دېلولار ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يېقىندا ئاشكارىلىغان جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئالاقىدار مەسىلىلەرنى رەتلەش جەريانىدا بايقىغان.

  ئىگە بولۇپ ھەيدەكچىلىك قىلىنىدىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا دائىر جامائەت مەنپەئەتى دەۋاسىنىڭ دېلو يىپ ئۇچلىرى خېبېي، سەنشى، جىلىن، جياڭشى، خېنەن، خەينەن، گۇيجۇ، شەنشى، گەنسۇ، چىڭخەي، شىنجاڭ قاتارلىق 11 ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندا بايقالغان بولۇپ، سۇ، ئاتموسفېرا، قاتتىق تاشلاندۇق، تۇپراق قاتارلىق كۆپ خىل مۇھىت بۇلغىنىشىغا چېتىلىپ، يەرلىكنىڭ تەبىئىي مۇھىتى ۋە ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ناچار تەسىر كۆرسەتكەن.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ھەق تەلەپ مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرى يۈكسەك ئېتىبار بېرىپ، ئومۇمىيەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كېلەچىكى، ئاممىنىڭ بەخت-سائادىتى، ھەر بىر پۇقرانىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە باغلىنىشلىق يۈكسەكلىكتىن بۇ خىزمەتنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر