- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى،مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىغا ئائىت قانۇن-نىزام، ھۆججەتلەرنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى بېسىپ تارقاتتى
2018.02.23 16:09 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىغا ئائىت قانۇن-نىزام، ھۆججەتلەرنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە «ئۇقتۇرۇش» دەپ ئېلىندى) نى بېسىپ تارقىتىپ، ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىغا ئائىت قانۇن-نىزام، ھۆججەتلەرنى ئېنىقلاشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى.
«ئۇقتۇرۇش» تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: قانۇن-نىزام، ھۆججەتلەرنى ئېنىقلاشنى قانات يايدۇرۇش — پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيە- خەلق يۇغۇرما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ تۈزۈم مۇھىتىنى ياخشىلاپ، قەتئىي ھالدا توسۇقنى بۇزۇش، مۇزنى يېرىش، بوسۇغىنى ئېلىۋېتىش» مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى كونكرېت تەدبىر. قانۇن-نىزام، ھۆججەتلەرنى ئېنىقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى ھازىرقى گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە رېئال مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ، قانۇن-تۈزۈمنىڭ ماسلىشىشچانلىقى، ۋاقىتچانلىقى، قاراتمىلىقىنى كۈچەيتىپ، قانۇن-تۈزۈمنىڭ قېلىپلاشتۇرۇش، يېتەكلەش، كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق.
«ئۇقتۇرۇش» تا ئېنىقلاشقا تېگىشلىك ھۆججەتلەرنىڭ دائىرىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا سانائىتى، قورال-جابدۇق سېتىۋېلىش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، ھەربىي ئارقا سەپ، دۆلەت مۇداپىئەسى سەپەرۋەرلىكى قاتارلىق ئارمىيە-خەلق يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى يوشۇرۇن كۈچى زور ساھەلەر، شۇنداقلا دېڭىز-ئوكيان، ئالەم بوشلۇقى، تور بوشلۇقى، بىئولوگىيە، يېڭى ئېنېرگىيە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ئارمىيە-خەلق ئۈچۈن پايدىلىنىشچانلىقى ئەڭ كۈچلۈك ساھەلەرگە ئالاقىدار پارتىىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى، قانۇن-نىزام، بەلگىلىمە، قېلىپلاشتۇرۇلغان ھۆججەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر