باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

1-ئايدا مەملىكەت بويىچە 5600دىن كۆپرەك كىشى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، بىر تەرەپ قىلىندى

2018.02.23 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتى 22-فېۋرال ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2018- يىلى 1-ئايدا مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان 4058 مەسىلە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭغا چېتىشلىق 5641 كىشى بىر تەرەپ قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە ۋىلايەت، نازارەت دەرىجىلىك 59 كىشى، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك 673 كىشى بار ئىكەن.

  تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ خاراكتېرىدىن قارىغاندا، بەلگىلىمىگە خىلاپ تولۇقلىما ياكى پاراۋانلىق تارقىتىش مەسىلىسى 1155 قېتىم، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات بېرىش-ئېلىش مەسىلىسى 844 قېتىم، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سەپلەش ۋە ئىشلىتىش 566 قېتىم، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ-ئىچىش 532 قېتىم، توي- تۆكۈن، دەپنە ئىشلىرىنى چوڭ ئۆتكۈزۈش 377 قېتىم، ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن دۆلەت ئىچىدە ساياھەت قىلىش 215 قېتىم، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەشەمەتلىك ئىمارەت سېلىش مەسىلىسى 93 قېتىم، ھۆكۈمەت پۇلىغا چەت ئەلگە ساياھەتكە چىقىش 17 قېتىم، باشقا مەسىلىلەر 259 قېتىم بولغان.

  مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، 139 مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنى، 97 مەركەز كارخانىسى، 15 مەركەز پۇل مۇئامىلە كارخانىسىدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئايلىق دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئورناتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر