2-ئاينىڭ 22-كۈنى، ۋۇ داجىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلىمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تاپانچا ئاۋازى ئاڭلىنىشى بىلەنلا ۋۇ داجىڭ بىر پارچە قىزىل چاقماق كەبى ئېتىلىپ چىقىپ، رىقابەتچىلىرىگە پەقەت بىر سايە قالدۇردى. 39 سېكونت 584! 22-فېۋرال كەچتە جياڭلىڭ مۇز ئۈستى تەنھەرىكەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن پيوڭچاڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قىسقا ئارىلىقتا تېز تېيىلىش ئەرلەر 500 مېتىرلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، ۋۇ داجىڭ ئەرلەرنىڭ قىسقا ئارىلىقتا تېز تېيىلىش قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى ئالتۇن مېدالنى، شۇنداقلا جۇڭگو ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ پيوڭچاڭ قىشلىق ئولېمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى ئالتۇن مېدالىنى ئالدى.
چىمپيون بولۇش بىلەن بىللە بىر كېچىدە ئىككى قېتىم دۇنيا رېكورتىنى بۇزغان ۋۇ داجىڭ مۇتلەق ئەمەلىي كۈچى بىلەن، ئۇدا بىر نەچچە كۈندىن بۇيانقى قاتمال ھالەتنى بىر قېتىمدىلا سۈپۈرۈپ تاشلاپ، نەق مەيداندىكى جۇڭگولۇق تاماشىبىنلارنىڭ غەيرىتىنى ئۇرغۇتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى