باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش چارىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

كارخانىلارنىڭ كەسپىي مەكتەپ قۇرۇشى ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ

2018.02.23 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22-ئىيۇن، مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە «كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش چارىسى»نى بېسىپ تارقاتقان. چارىدە كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىشىش نىشان- پىرىنسىپى، يولغا قويۇش سۇبيېكتى، ھەمكارلىق شەكلى، ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرى ۋە نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىشىشنىڭ ئاساسىي تۈزۈم رامكىسى بەرپا قىلىنغان.

  چارىدە، شارائىتى يار بېرىدىغان كارخانىلارنىڭ كەسپىي مەكتەپ ئېچىشى ياكى ئېچىشقا قاتنىشىشى، ئوقۇغۇچىلار پىراكتىكا قىلىش، شاگىرت تەربىيەلەش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئىش ئورنى تەسىس قىلىشىنى ئىلھاملاندۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چارىدە يەنە مۇنۇلار بەلگىلەندى: كەسپىي مەكتەپلەر مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىقىغا قاتنىشىشنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نەتىجە- ئۈنۈمنى باھالاشنىڭ مەزمۇنى قىلىش، مۇناسىۋەتلىك كارخانا ياكى ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىنى باشقۇرۇش بىرىنچى سېپىدىكى خىزمەت تارىخى بار كەسپىي ئوقۇتقۇچىلارغا ئۇنۋان باھالاش ۋە ئۆستۈرۈش، مۇنەۋۋەرلەرنى باھالاپ تەقدىرلەش قاتارلىق جەھەتلەردە، ئوخشاش شەرت ئاساسىدا ئېتىبار مۇئامىلە قىلىش كېرەك. كەسپىي مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇغۇچىلار بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە تېخنىكا ئېچىش، مەھسۇلات لايىھەلەش قاتارلىق نەتىجىلەرگە ئىگە بولسا، قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە كارخانىدا باھا قويۇپ پاي قوشسا بولىدۇ. كەسپىي مەكتەپ ۋە كارخانىلار ھەمكارلىشىپ ئاچقان پاتېنت ۋە مەھسۇلاتقا قارىتا، ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىمىگە ئاساسەن ئىشلىتىش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە پايدىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر