باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جياڭشىدا يۈز بەرگەن يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ۋەقەسىدە 11 ئادەم قازا قىلدى

ۋەقەگە چېتىشلىق كارخانىنىڭ قانۇنىي ۋەكىلى قانۇن بويىچە كونترول قىلىندى

2018.02.22 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-فېۋرال جياڭشى ئۆلكىسى گەنجۇ شەھەرلىك پارتكومىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، 20-فېۋرال گەنجۇ شەھىرى نىڭدۇ ناھىيەسى تەۋەسىدە يۈز بەرگەن يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىش ھادىسىسىدە 11 ئادەم قازا قىلغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بىر ئوتتۇرا تىپتىكى ئادەتتىكى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى بولۇپ، 19 ئادەم ئولتۇرۇشقا بولىدىغان بۇ ئاپتوبۇسقا ئەمەلىيەتتە 31 كىشى ئولتۇرغان، ئاپتوبۇس رۈيجىن شەھىرى رۈيشياڭ تىرانسپورت مۇلازىمىتى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە تەۋە ئىكەن. بۇ ئاپتوموبىل گەنجۇ شەھىرى نىڭدۇ ناھىيەسى تەۋەسىدە ئۆرۈلۈپ كېتىپ، توققۇز ئادەم نەق مەيداندا قازا قىلغان، ئىككى ئادەم قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان، 20 ئادەم يارىلانغان.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، گەنجۇ شەھىرىدە «20-فېۋرال» قاتناش ھادىسىسى جىددىي قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابى قۇرۇلۇپ ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلدى. جياڭشى ئۆلكىلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى مۇتەخەسسىسلەرنى گەنجۇ شەھىرىگە يۆتكەپ قۇتقۇزۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى، گەنجۇ شەھەرلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئىككى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى تەشكىللىدى ھەمدە قان تەمىنلەش ماشىنىسى ۋە قان ئېلىش ماشىنىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى نىڭدۇغا بېرىپ قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

  نۆۋەتتە، رۈيجىن شەھىرى رۈيشياڭ تىرانسپورت مۇلازىمىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ قانۇنىي ئىگىسى ياڭ × قانۇن بويىچە كونترول قىلىندى، ۋەقەنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر