باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئېچىپ، خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى

2018.02.23 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى 22-فېۋرال يىغىن ئېچىپ، خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يىرىك پىلانىنى تۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى پىلانلاپ قۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن چىقارغان يەنە بىر مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسى، شۇنداقلا تارىخىي خاراكتىرلىق قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپ، بېيجىڭنىڭ پايتەختتىن باشقا فۇنكسىيەلىرىنى ئۈستىگە ئېلىش، نوپۇسى زىچ رايونلارنى ئېچىش ئەندىزىسىنى ياخشىلاش ئۈستىدە ئىزدىنىش، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ بوشلۇق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى تۈرتكىسىنى يېتىشتۈرۈشتە مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى ۋە بېيجىڭ، تيەنجىن شەھەرلىرىنىڭ كۈچلۈك مەدىتى بىلەن، خېبېي ئۆلكىسى بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، مۇتەخەسسىسلەر مەسلىھەتچىلىك كومىتېتى قاتارلىق تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ دەلىللەپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى تولۇق ئاڭلاپ، قايتا-قايتا ئۆزگەرتىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يىرىك پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتىدە مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى پىلانلاش ۋە قۇرۇشتا پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، دۇنياۋى نەزەر، خەلقئارا ئۆلچەم، جۇڭگوچە تۈس، يۇقىرى نۇقتىدىن ئورنىنى بېكىتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلاندۇرۇش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «شيۇڭئەن سۈپىتى»نى يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئۈلگە يارىتىش كېرەك. بېيجىڭنىڭ پايتەختتىن باشقا فۇنكسىيەسىلىرىنى مەركەزلىك ئۈستىگە ئالىدىغان جاي بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، تەبىئەتكە ماسلىشىپ، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، شەھەر بوشلۇقىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. رايون مەدەنىيىتى، تەبىئىي مەنزىرە، دەۋر تەلىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا ئۇسلۇبىغا ئىگە، كۆل مەنزىرىسى بار، ئۆرپ-ئادەتتە يېڭىلىق يارىتىدىغان شەھەر قىياپىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. رەقەملىك شەھەر قۇرۇلۇشىنى ماس پىلانلاپ، تىرىشىپ ئاقىل يېڭى رايون بەرپا قىلىش كېرەك. ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق يېڭى رايون قۇرۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە بىر تۈركۈم دۆلەت دەرىجىلىك يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى قۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى رايون بەرپا قىلىش كېرەك. يۇقىرى ئۈنۈملۈك قاتناش تورى قۇرۇپ، خىزمەت رايونى بىلەن ئولتۇراق رايوننى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ قاتلاملىق، ئومۇميۈزلۈك قاپلانغان، ئىنسانىي ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى تورى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يىرىك پىلان مەزمۇنىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە يىرىك پىلان سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنى تېزلىتىشكە مەدەت بېرىدىغان تەدبىرلەرنى تېز تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر تۈركۈم ئۇللۇق چوڭ تۈر قۇرۇلۇشىنى ۋاقتىدا باشلاپ، يېڭى رايون قۇرۇشتا ياخشى باشلىنىش ھاسىل قىلىش، ياخشى قەدەم ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى قۇرۇش مىڭ يىللىق چوڭ پىلان، دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى، تارىخىي سەۋرچانلىقنى ساقلاپ، ئىشنى پۇختا قەدەم بىلەن بىر-بىرلەپ ئىشلەپ، تىرىشىپ يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شەھەر قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلارمۇ مۇھاكىمە قىلىندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر