باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلەر 3-يىغىنى ئېچىلدى

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 4-يىغىن ئاچتى

لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2018.03.12 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسلەر 3-يىغىنى 11-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسى قانۇن لايىھەسى گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شېن چۈنياۋنىڭ قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن بەرگەن ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسى تەكلىپىنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، لايىھەنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسىنى قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى 4-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش ماقۇللاندى.

  يىغىندا قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شىن چۈنيىڭ بەرگەن قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىنىڭ قۇرۇلتاينىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، قۇرۇلتاينىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى ئاۋازغا قويۇش چارىسى لايىھەسىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، ئىككى يىغىننى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھەيئەت رىياسىتى 4-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جياڭ شىنجى بەرگەن قۇرۇلتاي كاتىبات باشقارمىسىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى كېڭىشىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، ئىسىملىك لايىھەسىنى قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتى 4-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى 11-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 4-يىغىن ئاچتى.

  ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. 11-مارت چۈشتىن بۇرۇن، ھەر قايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسى تەكلىپىنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسى، قۇرۇلتاينىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، قۇرۇلتاينىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى ئاۋازغا قويۇش چارىسى لايىھەسىنى ئەستايىدىل قاراپ چىقتى؛ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى كېڭىشىپ، قۇرۇلتاي ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاۋاز بېرىشىگە سۇنۇشقا بىردەك قوشۇلدى.

  يىغىندا ئاۋازغا قويۇلۇش ئارقىلىق ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنىڭ ئاۋازغا قويۇش نۇسخىسى، قۇرۇلتاينىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، قۇرۇلتاينىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى ئاۋازغا قويۇش چارىسى لايىھەسى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىر ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىرى، ئەزالىرى ئىسىملىكى لايىھەسىنى قۇرۇلتاي ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاۋاز بېرىشىگە سۇنۇش قارار قىلىندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر