باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2020-يىلىدىن بۇرۇن تۈرلۈك ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

2018.02.27 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «2018-يىللىق ئادەتتىكى باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى تەدرىجىي كېمەيتىپ، 2020-يىلىغىچە تۈرلۈك ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى نومۇر قوشۇش تۈرلىرىنى داۋاملىق ئېنىقلاپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، تەنتەربىيە، سەنئەت قاتارلىق نومۇر قوشۇش تۈرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرمىغان جايلاردا 2018-يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇش باشلايدىغان يىللىقلاردىن باشلاپ ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئېلىمىزنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان تۈزۈمىنىڭ تولۇقلىمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلار تەربىيەسى ئىزچىل ئەنئەنىۋى دەرسخانا تەربىيەسىنىڭ كېڭەيتىلمىسى بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە، پەن-تېخنىكا، سەنئەت قاتارلىق ئالاھىدىلىكىنى يېتىلدۈرۈشتە پائال رول ئوينىدى. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى كىشىلەر ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلار سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ مەنپەئەت ئالماشتۇرۇپ، مائارىپ ئادىللىقىنى بۇزدى.

  جۇڭگو مائارىپ-پەن تەتقىقات يۇرتىنىڭ پىروفېسسورى جاڭ نەنشىڭ مۇنداق دېدى: مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلار سىياسىتىنى ئىزچىل قىسقارتىۋاتىدۇ، ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ دائىرىسى، تۈرى، نومۇرى ۋە كۆلىمى قاتارلىقلارنى تەدرىجىي كېمەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇش مۇقەررەر نەتىجە. سىياسەت قاتلىمىدىكى «ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلار» قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن مائارىپ قاتلىمىدىكى «ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلار» جانلاندى. ئىلگىرىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى بەلگە قىلىدىغان «ئالاھىدە» مائارىپنىڭ ئورنىنى ئۆزگىچە مائارىپ، خاس مائارىپ ئىگىلەپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش تۈزۈمىدىكى ئالاھىدىلىكلەر بىلەن چەكلەنمەيدۇ، بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئوخشىمىغان جەھەتتىكى قىزغىنلىقى ۋە ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرەلەيدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولدىكى، بۇنىڭدىن كېيىن ھەر بىر كىشى «ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچى» بولالايدۇ.

  جاڭ نەنشىڭ مۇنداق دېدى: ئالاھىدىكى بار ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاھىدىلىكى يوق ئوقۇغۇچىلار سىياسىتى ۋە رامكىسى بۇزۇپ تاشلانغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي مائارىپ تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ناچارلىرىنى شاللاپ، ياخشىلىرىنى قالدۇرۇشنى باشتىن ئۆتكۈزىدۇ، نەتىجىنىلا كۆزلەيدىغان، مەنپەئەت خاراكتېرلىك تەربىيەلەش ئۇسۇللىرى شاللىنىپ، ئالاھىدىلىك، ئىمتىھان ئۈچۈن ئېچىلغان تەربىيەلەش بازارلىرى بارغانسېرى كاساتلىشىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر