باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ كۈتۈنۈشى»گە نەزەر

ئەزا يۈي جىنياۋ: پەرزەنتلەرنىڭ تۇغقان يوقلاش ۋاقتىنى ئۇزارتىش كېرەك

2018.03.12 17:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزنىڭ قېرىلىشىش سۈرئىتى تېزلەشتى، ياشانغانلار ئىچىدە يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىز بىر جۈپ ئەر-خوتۇنلار پەقەت بىر پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويمىغان بولسىمۇ، لېكىن يالغۇز پەرزەنت سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ كېيىنكى تەسىرى يەنە ئۇزاققىچە داۋاملىشىدۇ. يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ كۈتۈنۈش مەسىلىسى ئىزچىل پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كەلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا تارىخى تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى يۈي جىنياۋ بۇ توغرىدا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەت ھازىر يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ كۈتۈنۈش سىياسىتىنى تۈزۈۋاتىدۇ، بۇنىڭ تولۇق نەزەرىيەۋى ۋە قانۇن ئاساسى بار. قېرىلىشىش نىسبىتىنىڭ مۇتلەق كۆپ سانىنى ئىگىلىگەن يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ كۈتۈنۈش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلغاندا، ئادەتتىكى قاتلامدىكى قېرىغاندا كۈتۈنۈش مەسىلىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

  بۇنىڭغا قارىتا، ئەزا يۈي جىنياۋ مۇنداق تەكلىپ بەردى: كۈتۈنۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پىلانلىق تۇغۇت دۆلەت سىياسىتى ۋە سىياسەت قارىشى تۇرغۇزۇپ، پىلانلىق تۇغۇت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياشانغانلارنى كۈتۈشنى پىلانلىق تۇغۇت دۆلەت سىياسىتى ۋە سىياسەتنىڭ ئىچكى تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. پىلانلىق تۇغۇت دۆلەت سىياسىتى ۋە سىياسەت ئومۇمىي قارىشى تۇرغۇزۇش يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ كۈتۈنۈش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى، بۇ قاراشنى پۈتۈن جەمئىيەتتە كەڭ تەشۋىق قىلىش كېرەك.

  ئەزا يۈي جىنياۋ مۇنداق قارىدى: يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلارنى كۈتۈشنى مەقسەت قىلغان نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشكە تەييارلىق قىلىپ، دۆلەت قاتلىمىدىن يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلارنى كۈتۈش مەخسۇس سىياسىتى تۈزۈشكە كۈچەش كېرەك. دۆلەتنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلىرىنى ئاساس قىلىپ، پىلانلىق تۇغۇتقا ئالاقىدار كۈتۈنۈش بەلگىلىمىسى ۋە سىياسىتىنى سىستېمىلاشتۇرۇش، كونكرېتلاشتۇرۇش كېرەك.

  يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ كۈتۈنۈش ياردەم پۇلىنى بېكىتىش

  ئەزا يۈي جىنياۋ مۇنداق تەكلىپ بەردى: يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ كۈتۈنۈش ياردەم پۇلىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش بېكىتىش كېرەك، ياردەم پۇلى دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان مال باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى بىلەن چېتىلىپ، ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم تەڭشىلىشى، مەملىكەتلىك ئۆلچەمدىكى ياردەم پۇلىنى دۆلەت مالىيەسى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. جايلارنى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن مەملىكەتلىك ئۆلچەم ئاساسىدا كۈتۈنۈش ياردەم پۇلى، يەرلىك مالىيە ئۈستىگە ئالىدىغان قىسمەن خىراجەتلەرنى ئۆستۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. مەيلى مەملىكەتلىك ئۆلچەمدىكى كۈتۈنۈش ياردەم پۇلى ياكى يەرلىكنىڭ قىسمەن كۈتۈنۈش ياردەم پۇلىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ھەممىسىدە شەھەر-يېزىلار بىر تۇتاش يولغا قويۇشى كېرەك.

  يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلار ساناتورىيەسى ئېچىشقا رىغبەتلەندۈرۈش

  ئەزا يۈي جىنياۋ مۇنداق تەكلىپ بەردى: مالىيە، باج، يەر ئىشلىتىشتە ئېتىبار بېرىش جەھەتلەردىكى سىياسەتلەر بىلەن يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلار ساناتورىيەسى ئېچىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلارنى قوبۇل قىلىدىغان جەمئىيەتتىكى ئادەتتىكى ياشانغانلار ساناتورىيەلىرىگە قوبۇل قىلغان يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ سانىغا ئاساسەن باجنى مۇۋاپىق كېمەيتىش؛ يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ پېنسىيە پۇلىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈپ، سىياسەتتە بەلگىلەنگەن پېنسىيە پۇلى ئاساسىدا، پېنسىيە پۇلىنى بەلگىلىك نىسبەتتە ئۆستۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت مالىيەسىنىڭ ياردىمىدە يېزىلاردىكى يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى پۇلىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ تۇغقان يوقلاش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىش

  ئەزا يۈي جىنياۋ مۇنداق تەكلىپ بەردى: جايلارنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش داۋامىدا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەن يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ كۈتۈنۈش چارىلىرىنى دۆلەت سىياسىتى قىلىپ بېكىتىش كېرەك، مەسىلەن «يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش دەم ئېلىشى» ياكى يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ تۇغقان يوقلاش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىش دېگەندەك. پېنسىيە يېشىغا توشقان يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ نوپۇسىنى باشقا جايدا خىزمەت قىلىپ، تۇرمۇش كەچۈرىدىغان يالغۇز پەرزەنتىنىڭ يېنىغا يۆتكىشىگە رۇخسەت قىلىش كېرەك. رايونلارغا ئايرىماي ياشانغان يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا-ئانىلارنىڭ(ئىلگىرى مەيلى يېزا ئاھالىسى ياكى شەھەر-بازار ئاھالىسى بولسۇن) ئۆلكە، رايون ئاتلاپ مۇقىم ئىش ئورنى، تۇرالغۇسى بار پەرزەنتىنىڭ خىزمەت-تۇرمۇش قىلىدىغان جايىغا يۆتكىلىشىگە رۇخسەت قىلىش ۋە يەرلىكتىكى ئاھالىلەر بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك. ئۇلارنى يەرلىكتىكى ياشانغانلارغا ئوخشاش ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھوقۇقىدىن بەھرىلەندۈرۈش، كەمسىتمەسلىك، شۇنداقلا يەنە نوپۇسىنى ئالدۇرغان جاينىڭ كاپالەتلىك تۇرالغۇسىنى ئىلتىماس قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىلەندۈرۈش كېرەك. يالغۇز پەرزەنتىدىن ئايرىلغان ياشانغان ئاتا-ئانىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنى كۈچەيتىش، ئۇلارنىڭ كۈتۈنۈشىگە قارىتا ھۆكۈمەت باشقىچە مەخسۇس بەلگىلىمە چىقىرىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر