باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزاسى شىنجاڭدىكى ياتاقلىق تۈزۈمىدىكى مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى مۇراجىئەت قىلدى

2018.03.09 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- مارت، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزاسى گۈلپەرى ئابدۇللا مۇنۇلارنى دېدى: يېزا مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش، يېزىلاردىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش ئۈنۈمى، سۈپىتىنى كۆتۈرۈش شىنجاڭدا يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتىكى مۇھىم ھالقا ھېسابلىنىدۇ.

  ئەزا گۈلپەرى ئالىي مەكتەپتە نۇرغۇن يىل خىزمەت قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېزا مائارىپى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتاي دوكلاتىدا شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزىلاردىكى مەجبۇرىيەت مائارىپىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش... تىرىشىپ ھەربىر بالىنى ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلدۇرۇش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ئۇل، ئاممىۋى ۋە باشلامچى خاراكتېرلىك مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  ئەزا گۈلپەرى مۇنۇلارنى دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەجبۇرىيەت مائارىپى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا ۋە ئۇزاق مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات يىرىك پىلانى پىروگراممىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئىلگىرى سۈردى، مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى خېلى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشى باسقۇچلۇق ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئەزاسى گۇەن فاڭفاڭ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ يېزىلىرىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەر ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىدا قىيىنچىلىق يەنىلا مەۋجۈت ئىكەنلىكىنى ئىگەللىدى.

  گۇەن فاڭفاڭنىڭ دېيىچشىچە، يىغىندىن ئىلگىرى، ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، يېقىنقى يىللاردا ئاپتونوم رايونىمىزدا بىر تۈركۈم كۆلىمى نىسبەتەن چوڭ بولغان، ئوقۇتقۇچىلار سەۋىيىسى ۋە ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى بىر قەدەر ياخشى بولغان ياتاقلىق تۈزۈمىدىكى مەكتەپلەرنىڭ ئۆزگەرتىلگەنلىكى، كېڭەيتىلگەنلىكى ۋە يېڭىدىن قۇرۇلغانلىقى، مەكتەپلەرنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلۇشىدا يەنە ئىلگىرىلەش بوشلۇقىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان.

  ئىككى ئەزا مۇنداق تەكلىپ بەردى: مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشىنى دۆلەت قاتلىمىدىن داۋاملىق تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ياتاقلىق مەكتەپلەرنى ئاتا-ئانىلار رازى بولىدىغان، جەمئىيەت ئېتىراپ قىلىدىغان، ئوقۇغۇچىلار خۇشال بولىدىغان مەكتەپ باشقۇرۇش شەكلىگە ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭ يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، مائارىپ سۈپىتى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى كۆتۈرۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر