باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، خەن جېڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر قىسىم ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2018.03.10 16:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى جەنشۇ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خەن جېڭ 9-مارت ئايرىم-ئايرىم ھالدا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بىر قىسىم ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  لى جەنشۇ خۇبېي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. جياڭ چاۋلياڭ، ۋاڭ شياۋدۇڭ، ۋاڭ نېڭگەن قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، بىز ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىش، ئۇلۇغ ئىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلۇغ ئارزۇغا يېتىشتە چوقۇم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

  ۋاڭ ياڭ شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. لى چياڭ، يىڭ يۇڭ، لى جاۋئەن قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: شاڭخەي دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى، سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئۈنۈمنى ئالدىن ئويلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ كۈچەش نۇقتىسىنى ئەمەلىي ئىقتىسادقا قويۇپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپ توپى يېتىشتۈرۈپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش سۈپىتى، ئۈنۈمى، تۈرتكىسىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلاندۇرۇشتا مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشى كېرەك.

  خەن جېڭ خېنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. شيې فۇجەن، چېن رۇنئېر، پېي چۈنلياڭ قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خەن جېڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكىدىن ئىبارەت تارىخىي جەريان، دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى، ئۇلۇغ ئۆزگىرىش ۋە مول مەزمۇننى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، ئېلىمىز تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تارىخىي يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆتتە ئۆزىگە ئىشىنىش»نى مۇستەھكەملەپ، باشتىن-ئاخىر شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر