باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قانۇنىي ياردەم تىلىمەكچى بولسىڭىز يول باشلاش ئەپ دېتالى ئارقىلىق بۇ نوپۇزلۇق 3200 ئورگاننى ئىزدەڭ

2018.03.11 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇنىڭدىن كېيىن، ئەگەر قانۇنغا چېتىشلىق قىيىن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلسىڭىز، يول باشلاش خەرىتىسىنى ئاچسىڭىزلا، ئەڭ يېقىندىكى قانۇن ياردىمى مەركىزىنى توغرا تاپالايسىز، ياكى شۇ خىل مەركەزگە بىۋاستە تېلېفون قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەگەر قانۇنىي ياردەم بېرىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولسىڭىز، ھەقسىز ھالدا قانۇنىي مۇلازىمەتكە ئېرىشەلەيسىز.

  9- مارت، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بەيدۇ گورۇھى بىلەن بىرلىشىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان قانۇن ياردىمى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يول كۆرسىتىش سىستېمىسىنىڭ مۇلازىمەت سۇپىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ھەمدە ئۇ سۇپا مەملىكەت بويىچە 3200دىن كۆپرەك قانۇن ياردىمى ئورگىنىغا ئۇلىنىپ، ئاساسىي جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئەگەر بەيدۇ خەرىتىسىگە تايانسىڭىز، ئۇ سۇپىدا لازىم بولغان ئادرېسقا يول باشلاپ بارىدىغان ئاساسلىق ئىقتىدار بولغاندىن باشقا، ئۇ سىزنى يەنە قانۇن ياردىمى ئورگانلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىرىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش، خىزمەت ۋاقتى، مەسلىھەت سوراش تېلېفونى ھەمدە ئىشىك سۈرىتى ۋە كوچا مەنزىرىسى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر