باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا 2018- يىلى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈپ تېخى ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان 4000 نەپەر ئوقۇغۇچىنى تاللاپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە ۋە شەھەرلەرگە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتمەكچى

2018.03.10 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018- يىلى، ئاپتونوم رايونىمىزدا پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمىدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلاردىن تېخى ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان شىنجاڭلىق 4000 نەپەر ئوقۇغۇچىنى تاللاپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە ۋە شەھەرلەرگە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىشنى داۋاملاشتۇرماقچى. بۇ باسقۇچلۇق تەربىيەلىنىش تۈگىگەندىن كېيىن، بۇنىڭ ئىچىدىكى 2700 كىشى كەلگۈسىدە كارخانا-ئورۇنلارغا يۈزلىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىدۇ، 1300 كىشى كەلگۈسىدە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەيدۇ.

  3- ئاينىڭ 9- كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن، ئەمما تېخى ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇقىم ھالدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 2018- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا ئارخىپ قالدۇرۇپ كارتا بېجىرگەن نامرات ئائىلىلەر، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن، 2013- يىلىدىن بۇيان ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەيدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، نۇقتىلىق قىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن تەشكىللىك ھالدا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ ئاپىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە ئاپتونوم رايون ئىچىدە رايون ھالقىغان ھالدا يۆتكەپ ئاپىرىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەمدە چوڭ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوملار (تېخنىكوم مەكتەپلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە ۋە شەھەرلەرگە بېرىپ تەربىيەلىنىش پىلانى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

  شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە ۋە شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەش پىلانىدىكى بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش بولسا، كارخانىچىلار ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى يېتىشتۈرۈشنى ئاساس قىلىش، ئاساسىي قاتلامدىكى كەسپىي ئورۇنلاردا ئىشلىگۈچىلەرنى يېتىشتۈرۈشنى قوشۇمچە قىلىش، ھەمدە ئۇنى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈش دېگەندەك ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش جەھەتتە، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ھەمدە ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بولغان ئوقۇغۇچىلار ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۇلار شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە ۋە شەھەرلەرگە ئەۋەتىلىدۇ، ياكى شۇ جايدا، يەنى شىنجاڭنىڭ ئۆزىدە تەربىيەلىنىدۇ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە ۋە شەھەرلەرگە بارغانلار شۇ بارغان جايدا پىراكتىكا قىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى چوڭ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىسى خۇ شىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە ۋە شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەش خىزمىتى 2010- يىلى باشلانغان. شۇ يىلقى تۇنجى نۆۋەتتە 23 مىڭ ئادەم تەربىيەلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان ئىدى، كېيىنكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەربىيىلەش پىلانى 2015 ـ يىلىدىن باشلانغان ئىدى، ھازىر ئۇنىڭ يولغا قويۇلۇشىنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا ئۇدا ئۈچ يىل بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە 2017 ـ يىلى 5442 ئادەم تەربىيەلەندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر