باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان بەزى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

2018.03.08 16:30   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان بەزى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى جەنشۇ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ لېجى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خەن جېڭ 7-مارت چۈشتىن بۇرۇن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بەزى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى.

  شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ : گۇاڭدۇڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى باشلامچى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالدى بىلەن يولغا قويغان جاي، تەجرىبە رايونى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇمىيىتىدىكى ئورنى، رولى ئىنتايىن مۇھىم، دەپ كۆرسەتتى. شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭنىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، گۇاڭدۇڭدىكى يولداشلاردىن ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى ۋە تېخىمۇ چوڭ نەتىجە قازىنىش ئارقىلىق گۇاڭدۇڭنىڭ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزملارنى ئورنىتىش، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى قۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتىن ئىبارەت جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشىنى تەلەپ قىلدى.

  لى كېچياڭ جېجياڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. لى كېچياڭ چې جۈن، يۈەن جياجۈن، فاڭ جۇڭخۇا قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنى سۇنۇش پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئاساسىي قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، ئاساسىي قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى زور تەدبىر، ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنى تامامەن قوللايمەن.

  لى جەنشۇ بېيجىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. سەي چى، چېن جىنىڭ، شۈ تاۋ قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنىڭ ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنى تامامەن قوللايمەن. ئېلىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىدا پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن خەلق ئىرادىسىنىڭ يۈكسەك بىردەكلىكى ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، روشەن ئەۋزەللىككە، پۇختا ئاساسقا، كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە ئىگە.

  ۋاڭ ياڭ تەيۋەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ياڭ چېنجۈن، جاڭ شياۋدۇڭ، چېن يۈنيىڭ قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن. ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: مەن ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنى تامامەن ھىمايە قىلىمەن. ئاساسىي قانۇن دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى، دۆلەتنى باشقۇرۇپ، ئەلنى ئەمىن قىلىشنىڭ باش نىزامنامىسى، پارتىيە ۋە خەلق ئىرادىسىنىڭ مەركەزلىك نامايەندىسى.

  ۋاڭ خۇنىڭ گۇيجۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. سۈن جىگاڭ، چېن يىچىن، ۋاڭ ۋېي قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنى تامامەن قوللايمەن، لايىھەدە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19-نۆۋەتلىك كومىتېتى 2-، 3- ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھى، خەلقنىڭ ئىرادىسى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

  جاۋ لېجى جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. لۇ چىنجيەن، ۋۇ جېڭلۇڭ، لۈ جيەن قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، جاۋ لېجى مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنى تامامەن قوللايمەن.

  خەن جېڭ تيەنجىن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. لى خۇڭجۇڭ، جاڭ گوچىڭ، ياڭ باۋلىڭ قاتارلىق ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، خەن جېڭ مۇنداق دېدى: ئاساسىي قانۇن تۈزىتىلمىسى لايىھەسىنى تامامەن قوللايمەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سەنئەت ئالاھىدىلىكى سىنىقى باشلاندى
    ·ئالىي مائارىپنىڭ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش كېرەك
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ: مەكتەپنى ئەڭ نۇرلۇق ۋە ئەڭ بىخەتەر جاي قىلىپ قۇرۇپ چى…
    ·ئولىمپىك تەربىيەسى مەملىكەتلىك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈلىدۇ
    ·ئورتاق تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش نىسبىتى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2020-يىلىدىن بۇرۇن تۈرلۈك ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئەمەلدىن…
    ·ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇش باشلاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى
    ·بېيجىڭدا ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىققا ئىگە بالىلار يەسلىلىرى كۆپەيتىلىدۇ
    ·كارخانىلارنىڭ كەسپىي مەكتەپ قۇرۇشى ئىلھاملاندۇرۇلىدۇ