باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

كۈچنى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش كېرەك

2018.03.07 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 6-مارت چۈشتىن بۇرۇن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان، ئۆزى تۇرۇشلۇق گۇاڭشى ۋەكىللەر ئۆمىكىگە بېرىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقىشقا قاتناشتى. پېڭ چىڭخۇا، چېن ۋۇ، لو چاۋياڭ قاتارلىق ۋەكىللەر ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، سىرتقا ئېچىۋېتىش، جابدۇق ياسىمىچىلىقىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ياردەم بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆز قىلدى، ۋەكىللەر يەنە لى كېچياڭغا نامراتلارنى يۆلەشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىغا ئائىت سۈرەت ۋە مودېللارنى كۆرسەتتى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىلدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ئېلىمىز تەرەققىياتىدا تارىخىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، گۇاڭشىمۇ ئاسان قولغا كەلمەيدىغان، تولىمۇ قىممەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئېرىشىپ، ئاساسلىق ئىقتىساد كۆرسەتكۈچى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن ياخشى بولدى. بۇ يىل ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىش تەلىپى بويىچە، تەرەققىياتنىڭ ياخشى تەدبىرلىرى ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، تەرەققىياتڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى چىڭ تۇتۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ياخشىلىنىش ھالىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا چوقۇم داۋاملىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىدىن ئىبارەت پايدىلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت ئېلان قىلغان ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپلا قالماي، جايلار يەنە ئۆز ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئىزدىنىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ نىشانلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بارلىق ئامىللارنى توپلاپ، سودا مۇھىتىنى بەس-بەستە ياخشىلايدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، كارخانىلار ۋە ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە ئېغىشماي چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر سىڭىشىپ، ھەمكارلىشىپ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش يولى قۇرۇپ، سودا، مەبلەغ سېلىشنى قولايلىقلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ يولغا قويۇپ، دېڭىز بويى، چېگرا بويى ۋە ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىنى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يېڭى ئېنېرگىيە يېتىشتۈرۈشنى تەرەققىياتنى تۇتۇشنىڭ مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «ئالاقە تورى +» ۋە «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025»نى بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرى ھەمكارلىشىپ يۈرۈشتۈرىدىغان، ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، ھۈنەرۋەنلىك روھىنى كۈچەپ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياسىمىچىلىقتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ كەلگۈسى رىقابەت يۇقىرى پەللىسىنى ئالدىن ئىگىلەپ ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر