باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

2018.03.09 15:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى 8-مارت چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 2-ئومۇمىي يىغىن ئاچتى. يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىسى: جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى(دەسلەپكى لايىھە) توغرىسىدىكى ئىزاھاتنى ئاڭلاش، ئەزالار چوڭ يىغىندا سۆز قىلىش. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 13-نۆۋەتلىك كومىتېتى 1-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى يىغىنىنىڭ رىياسەتچىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا قاتناشتى.يىغىندا ئالدى بىلەن سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە باش كاتىپ جاڭ چىڭلى بەرگەن جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى نىزامنامىسىنىڭ تۈزىتىلمىسى(دەسلەپكى لايىھەسى) توغرىسىدىكى ئىزاھات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  جاڭ چىڭلى سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتى ئەھۋالى، تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىرىنسىپى، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاساسىي مەزمۇنلار توغرىسىدا ئىزاھات بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىگە مۇۋاپىق پەتتە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى. بۇ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى زور ئىش. سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسى يېڭى ۋەزىيەتكە ئۈزلۈكسىز ماسلىشىپ، يېڭى تەجرىبىلەرنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، يېڭى قائىدىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندىلا سىياسىي كېڭەش خىزمىتىگە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى سىياسىي كېڭەش نىزامنامىسىنىڭ ئومۇمىي مۇقىملىقى ساقلاپ قېلىندى، قىسمەن باب ۋە پاراگرافلار كۆپەيتىلدى، قىسقارتىلدى، چوڭ-چوڭ بايانلار مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.ئارقىدىن سىياسىي كېڭەشنىڭ 13 ئەزاسى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ يىغىندا سۆز قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر