باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئىككى يىغىندا كۆڭۈل بۆلۈپ سۈرۈشتۈرگەن 10 ئىش (7)

ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش نىسبىتى %93.74 كە يەتتى

2018.03.09 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئارزىگۈل ئۆمەر تەجرىبە ئىشلىمەكتە (سۈرەتنى ئارزىگۈل ئۆمەر تەمىنلىگەن)

  مۇھەررىردىن: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك يىغىنىغا قاتناشقان ئاز سانلىق مىللەت ئەزالىرىنى يوقلىدى. باش شۇجى كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا كەينى-كەينىدىن تۆت سوئال سورىدى: «ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى شىنجاڭغا قايتتىمۇ؟»، «قايتقانلار قانچىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ؟»، «ھەر يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار قانچە؟»، «كۆپ قىسمى قايتىپ كېتەمدۇ؟». نۆۋەتتە، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %93.74كە يەتتى.

  «پۇقرالار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ھەر بىر ئۇششاق ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىي بولغان چوڭ ئىش ھېسابلىنىدۇ، بەزىلىرى ئۇلار ئۈچۈن ھەتتا ناھايىتى زۆرۈر ۋە جىددىي ئىش، قىيىن ئىش. ناۋادا بۇ «كىچىك» ئىشلار ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنمىسا، بۇ پۇقرالارنىڭ ئىدىيەسىگە، كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.»كۆپ يىللار ئىلگىرى، ئەينى چاغدا جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان شى جىنپىڭ «جېجياڭدىكى يېڭى گەپلەر» ناملىق ئەسىرىدە يۇقىرىدىكى سۆزلەرنى يازغان. خەلق داھىيسى يەنىلا پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك «كىچىك ئىشلار»غا كۆڭۈل بۆلمەكتە.


  چاغان ئەمدىلا ئاخىرلىشىشى بىلەن، فوتوگراف شىرئەلى مەمەت ھەر قايسى سودا پائالىيەتلىرىدە سۈرەتكە تارتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. گەرچە ناھايىتى جاپالىق بولسىمۇ، بىراق ئۆزىنىڭ ئارزۇسىغا يەنىمۇ بىر قەدەم يېقىنلاشقانلىقى ئۈچۈن، شىرئەلىگە بۇنچىلىك جاپا تارتىشقا ئەرزىيتتى.2016-يىلى 11-ئايدا، شىرئەلى ئىچكىرىدىن شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، بىر ئالاقە تورى شىركىتىدە بۆلۈم مەسئۇلى بولۇپ ئىشلىدى. شىرئەلى مۇنداق دېدى: «مەن ئەزەلدىن ئۆزۈمگە ئىش تېپىپ قىلىشنى ياخشى كۆرگەچكە، ئىزچىل ئىگىلىك تىكلەشنىڭ كويىدا بولۇپ يۈردۈم.»

  2017-يىلى 7-ئايدا، ئۇ دوستلىرى بىلەن ئۆزىنىڭ شىركىتىنى قۇردى. بۇ شىركەت ئاساسلىقى ئوراش-قاچىلاش مۇلازىمىتى، ئېلان لايىھەلەش، فىلىم-سۈرەتكە تارتىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن شۇغۇللىناتتى. ئاپتونوم رايوننىڭ ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئىستۇدېنتلارغا بولغان قوللاش سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ شىركىتى شىنجاڭ يۇمشاق دېتال باغچىسىغا ئورۇنلاشتى.

  شىنجاڭ يۇمشاق دېتال باغچا رايونى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى سودىگەر چاقىرىش مۇلازىمىتى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ شياۋگاڭ مۇنداق دېدى: «ئەمدىلا قۇرۇلغان يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلىرىغا قارىتا سۇ، توك، ھاۋا تەڭشىگۈچ، ئىسسىتىش ھەققى، خوجىلىق ۋە تور ھەققى كەچۈرۈم قىلىنىپلا قالماي، يەنە تېخى قەرز ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، تىجارەتكە يار - يۆلەك بولۇش، ئالدىن ماسلاشتۇرۇش قاتارلىق ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىمۇ بار. ئۇندىن باشقا، باغچا رايونى ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى يەنە تېخنىكا، ئۇچۇر، ئىختىساسلىقلار، بايلىق قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن قوللايدۇ.»

  ئارزىگۈل ئۆمەر تۇرپاننىڭ پىچان ناھىيەسىدە تۇغۇلغان، 2015-يىلى، ئۇ جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنىدىغان ماگىستىر ئاسپىرانتلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن. ھازىر ئۇنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇشى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى. گەرچە خاڭجۇدا قېلىپ قالسا، نۇرغۇنلىغان تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشەلىسىمۇ، بىراق ئۇ يەنىلا شىنجاڭغا قايتىشنى تاللىدى.

  ئارزىگۈل ئۆمەر مۇنداق دېدى: «بەلكىم، مەن بىر ئادەمنىڭ كۈچى يۇرتۇمغا چوڭ ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ۋە چەت ئەللەردە ئوقۇۋاتقان كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، يۇرتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا كۈچ چىقىرىشنى خالايدۇ. شىنجاڭ مېنى چوڭ قىلدى، مەنمۇ ئەلۋەتتە شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىم كېرەك.»

  2013-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك يىغىنىغا قاتناشقان ئاز سانلىق مىللەت ئەزالىرىنى يوقلىدى. ئۇيغۇر ئەزا ئەنۋەر ئىمىن شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇلارغا قارىتا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا شارائىت يارىتىپ بېرىپ يېتەكلەش تەكلىپىنى سۇندى. باش شۇجى بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئارقا-ئارقىدىن: «ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى شىنجاڭغا قايتتىمۇ؟»، «قايتقانلار قانچىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ؟»، «ئىچكىرىدىكى ھەر يىلى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار قانچە؟»، «كۆپ قىسمى قايتىپ كېتەمدۇ؟» دېگەن تۆت سوئالنى سورىدى.

  كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ كەلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، نازىر راخمانجان داۋۇت مۇنداق دېدى: «نۆۋەتتە، ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن شىنجاڭلىق ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى %93.74 كە يەتتى.»باش شۇجىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈشى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىدىن باشقا يەنە ئاز سانلىق مىللەت يېزىقىدا تورغا چىقىش قاتارلىق «كىچىك ئىشلار»نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدى.

  شۇ قېتىملىق ئاز سانلىق مىللەت سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يوقلاشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆڭۈل بۆلۈپ يەنە مۇنداق سورىدى: «خەلق تورى، شىنخۇا تورىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت نۇسخىسى بارمۇ؟»، «قانچە مىللەتنىڭ يېزىق نۇسخىسى بار؟»، «ھەر قايسى ئاپتونوم رايونلارنىڭ ئورگان تورلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت يېزىق نۇسخىسى بارمۇ؟»

  پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى مۇھىم بايلىقى ۋە ۋاسىتىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «توردىكى خەلق گېزىتى» ، خەلق تورى كۆپ يىللاردىن بۇيان تور جامائەت پىكرى ئېكولوگىيەسىدە ئىزچىل «مۇستەھكەم تۈۋرۈك»لۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. نۆۋەتتە، خەنزۇ يېزىقى نۇسخىسىدىن باشقا، خەلق تورىنىڭ يەنە يەتتە خىل ئاز سانلىق مىللەت يېزىقى ۋە توققۇز خىل چەت ئەل يېزىقىدىكى نۇسخىسى بار.

  خەلق تورى كوممۇنىستىك پارتىيە ئاخبارات تورىدا ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر خىزمەتچى خادىم مۇستاپا شاۋكەتنىڭ قارىشىچە، رايون چەكلىمىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بىر قەدەر ئارقىدا ئىكەنلىكىدىن باشقا، ئۇچۇردا ئارقىدا قېلىش ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئاستا بولۇشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەپ ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇچۇر دەۋرىدە تۇرۇپ، پەقەت بىرىنچى قەدەمدە ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەندىلا، <ئۇچۇر ۋاقىت پەرقى>نى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈگىتىپ، «يۇقىرى سۈرئەتلىك يول»غا چىققىلى بولىدۇ.»

  بېيجىڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىشقا قارىتا، مۇستاپانىڭ ئۆزىنىڭ چۈشىنىشى بار ئىدى. ئۇ مۇنداق ئېيتتى: «خەلق تورى ئاز سانلىق مىللەت نۇسخىسىنىڭ كۈندىلىك يېڭىلاش ۋە ئاخبارات-خەۋەر قىلىش خىزمىتىنى ئىشلەش ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىرىنچى قەدەمدە پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنى چۈشىنىشىگە پايدىلىق ۋە شۇنداقلا يۇرتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلىق، بۇمۇ مېنىڭ بۇ خىزمەتنى ئىشلىشىمدىكى بىر مۇھىم سەۋەب.»

  ياشلار غايىلىك بولسا، مىللەتنىڭ ئۈمىدى بولىدۇ. گەرچە تاللىشى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنىڭ يۇرتىغا جاۋاب قايتۇرۇش، يۇرتىغا مۇلازىمەت قىلىش، يۇرتىنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش مەقسىتى ۋە كۈرەش نىشانى بىردەك. ئۇلار ھەركىم قابىلىيىتىگە يارىشا ئىشلەپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ نۇرى ۋە ئىللىقلىقىنى تەقدىم ئېتىۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  شىنجاڭ يۇمشاق دېتال باغچىسى (ۋاڭ يۈ فوتوسى)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستاپا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر