باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى: ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئىستېمال سەۋىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن باج ئېلىش ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلىدۇ

2018.03.08 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش»نىڭ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا كىرگۈزۈلۈشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شى ياۋبىن 7-مارت چۈشتىن بۇرۇن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: باش ئېلىش ئۆلچىمىنى قانچىلىك ئۆستۈرۈشتە ئاھالىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئىستېمال سەۋىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن سىياسەت خاراكتېرلىك تەكلىپ بېرىلىدۇ.

  شى ياۋبىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتىدىكى ئىككى مەزمۇن دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ، باج ئېلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈشتىن باشقا يەنە مىسلىسىز بىر مەزمۇن بار، يەنى مەخسۇس چىقىرىۋېتىلىدىغان تۈر قوشۇلدى، نۇقتىلىق ھالدا پەرزەنت تەربىيەسى، ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش قاتارلىق ئامما ئەڭ جىددىي ئېھتىياجلىق، ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان تەرەپلەر ئالدىن تاللاندى. ئەلۋەتتە بىز يەنە ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن مەخسۇس چىقىرىۋېتىلىدىغان تۈرنىڭ كۆلىمى ۋە سانىنى ئەڭ ئاخىرىدا كونكرېت بېكىتىمىز.

  شى ياۋبىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتىدا يەنە شەخسلەر تاپاۋەت بېجىنىڭ باج ئېلىش ئەندىزىسى ئىسلاھ قىلىنىپ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق تۈرگە ئايرىپ باج ئېلىش تۈزۈمى ئۇنىۋېرسال ۋە تۈرگە ئايرىش بىرلەشكەن شەخسلەر تاپاۋەت بېجى باج تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىلىدۇ، بۇمۇ دۇنيادا يولغا قويۇلۇۋاتقان شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىش ئەندىزىسى.

  شى ياۋبىن مۇنداق دېدى: بىز بەزى ئەمگەك خاراكتېرلىك تاپاۋەت، مەسىلەن: مائاش، ئىش ھەققى، ئەمگەك ھەققى، قەلەم ھەققى، ئالاھىدە ئىجازەتلىك ھوقۇقتىن پايدىلىنىش ھەققى قاتارلىقلارنى ئۇنىۋېرسال تاپاۋەت قىلىپ بىرلەشتۈرىمىز، ئاندىن بىر ئاساسىي چىقىرىۋېتىلىدىغان ھەقنى بېكىتىمىز، بۇ باج ئېلىش ئۆلچىمى دېيىلىدۇ، بۇنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن باج ئېلىنىدۇ.

  شى ياۋبىن مۇنداق دېدى: ئىسلاھات باج ئادىللىقى، كىرىم تەقسىماتىنى تەڭشەش رولىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. ئۇنىۋېرسال ۋە تۈرگە ئايرىپ باج ئېلىش ئەندىزىسىگە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئۇنىۋېرسال باج ئېلىنىدىغان تۈرلەردىن يىللىق جەملىمە ئۇنىۋېرسال باج ئېلىنىدۇ.

  شى ياۋبىن مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە باج ئىسلاھاتى لايىھەسىنى يولغا قويۇش تېزلىتىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەخسلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ، بارلىق ئىسلاھات ئامىللىرى باج قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق بېكىتىلىدۇ. ئىشىنىمەنكى بۇ ئىسلاھات ئارقىلىق شەخسلەر تاپاۋەت بېجى تاپشۇرغۇچىلارنىڭ باج يۈكى يېنىكلەپ، شەخسلەر تاپاۋەت بېجىنىڭ كىرىمنى تەڭشەش رولى يەنىمۇ ياخشى گەۋدىلىنىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاكتىپ ئېففېكتى شەكىللىنىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر