باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى: ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەت بويىچە شەھەرلىكلەر يېزىغا بېرىپ ئۆيلۈك يەر سېتىۋالسا بولمايدۇ

2018.03.08 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى خەن چاڭفۇ 7-مارت 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1-يىغىنىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: يېزىلارنىڭ ئۆيلۈك يېرى كوللېكتىپ ئىلكىدە بولىدۇ، پەقەت يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى سالاھىيىتىگە ئىگە كىشىلەرلا قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ئۆز كوللېكتىپىنىڭ ئۆيلۈك يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىغا ئېرىشەلەيدۇ. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇن-سىياسەت بويىچە شەھەرلىكلەرنىڭ يېزىغا بېرىپ ئۆيلۈك يەر سېتىۋېلىپ ئۆي سېلىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ.

  خەن چاڭفۇ مۇنداق دېدى: بۇ كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىغا بېرىلگەن ئالاھىدە ھوقۇق، شۇنداقلا پىرىنسىپ بويىچە بىر ئائىلىگە بىر ئۆيلۈك يەر بېرىلىدۇ. ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەت بويىچە شەھەرلىكلەرنىڭ ئۆيلۈك يەر سېتىۋالسا بولمايدۇ، ئۇ يەرگە داچا ياكى خۇسۇسىي ساراي سالسا تېخىمۇ بولمايدۇ.

  خەن چاڭفۇ مۇنداق دېدى: ئېلىمىز يېزا ھۆددە يېرىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، ھۆددىگە ئېلىش ھوقۇقى، باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن ئىبارەت «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى، بۇ ئۇسۇلنى ئۆيلۈك يەر ۋە بىكار تۇرغان يېزا ئۆيلىرىگە ئۆرنەك ئېلىپ ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. بۇ يىللىق مەركەزنىڭ 1-نومۇرلۇق ھۆججىتىدە: «دېھقانلارنىڭ بىكار تۇرغان ئۆيلۈك يېرى ۋە بىكار تۇرغان يېزا ئۆي سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆيلۈك يەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى، سالاھىيەت ھوقۇقى، ئىشلىتىش ھوقۇقىدىن ئىبارەت<ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش> ئۈستىدە ئىزدىنىش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئۆيلۈك يەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى دېھقانلار كوللېكتىپىغا، سالاھىيەت ھوقۇقى كوللېكتىپ ئىقتىسادىي تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىغا مەنسۇپ دېگەندە چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا، بۇنىڭدىن كېيىن ئۆيلۈك يەرلەرنى ئىشلىتىش ھوقۇقى مۇۋاپىق قويۇۋېتىلىدۇ. بۇنداق قىلغاندا كۆپ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بىكار تۇرغان يېزا ئۆيلىرىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلانغىلى بولىدۇ، مەسىلەن: يېزىلارغا بېرىپ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى ئىگىلىك تىكلەش ئورنى بىلەن تەمىنلەش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە «سەھرا ئارامگاھى» قۇرۇش قاتارلىقلار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەركەز 33 ناھىيە، شەھەر، رايوندا نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭدىن كېيىن كۆپەيتكىلى، ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان تەجرىبىلەرنى خۇلاسىلەيدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر