باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۆلەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2018-يىللىق يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىغا 2 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجراتتى

2018.02.27 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 24-فېۋرال ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2018-يىللىق يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىغا 2 مىليارد 652 مىليون 900 مىڭ يۈەن ئاجراتقان.

  بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنمىسى 1 مىليارد يۈەن بولۇپ، قۇرۇلۇش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 13 ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى 87 ناھىيە (شەھەر، رايون)گە چېتىلىدىكەن، يېڭىدىن سىغىمى 357 مېگاۋولت ئامپىر كېلىدىغان 35 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتىدىن 34نى يېڭىدىن قۇرۇش پىلانلانغان بولۇپ، سىغىمى 357 مېگاۋولت ئامپىر كېلىدىكەن؛ 35 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتىدىن 17سى ئۆزگەرتىلىدىغان بولۇپ، سىغىمى 156 مىگاۋولت ئامپىر كېلىدىكەن؛ يېڭىدىن 35 كىلوۋوتلۇق لىنىيەدىن 753 كىلومېتىر ياسىلىپ، 35 كىلوۋوتلۇق لىنىيەدىن 67 كىلومېتىر ئۆزگەرتىلىدىكەن؛ يېڭىدىن 10 كىلوۋولتلۇق لىنىيەدىن 4218 كىلومېتىر ياسىلىدىكەن ۋە ئۆزگەرتىلىدىكەن؛ يېڭىدىن تۆۋەن بېسىملىق لىنىيەدىن 4314 كىلومېتىر ياسىلىدىكەن ۋە ئۆزگەرتىلىدىكەن؛ 2560 تىرانسفورموتور كۆپەيتىلىدىكەن، ئالماشتۇرۇلىدىكەن، سەپلىنىدىكەن، ئۆزگەرتىلىدىكەن، بۇلارنىڭ سىغىمى 412 مېگاۋولت ئامپېر كېلىدىكەن.

  2018-يىللىق يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىدا نۇقتىلىق قىلىپ نامرات رايونلار، چېگرانى قوغداش رايونلىرى يېزا ئېلېكتىر تورىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ۋە توك بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئىشەنچلىكلىكى ئۆستۈرۈلىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى كېيىنكى قەدەمدە 2018-يىللىق يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشى مەبلىغىنى ئالاقىدار ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا ئايرىپ چۈشۈرۈپ، بۇ يىل ئىچىدە قۇرۇلۇشنى تاماملاپ ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر