باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئادرا رايونىنىڭ %10ىنى ئىگىلىدى

2018.03.05 16:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئادرا رايونىدا ئۆكتىچى كۈچلەر بىلەن داۋاملىق قوراللىق توقۇنۇشتى. بىر ئەلئارا تەشكىلاتنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، ھۆكۈمەت تەرەپ ئارمىيەسى ئادرا رايونىنىڭ %10ىنى ئىگىلىگەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە ئۈچ كۈندىن بۇيان سۇرىيەنىڭ شىمالىدا ئۈزلۈكسىز چېگرادىن ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىپ، ھاۋا ھۇجۇمىغا تايىنىپ سۇرىيە ھۆكۈمەتپەرەس قوراللىق كۈچلەرگە داۋاملىق زەربە بەردى ۋە بەزى بىر شەھەر-بازارلارنى ئىگىلىدى.

  ئىككى جايدىكى ئۇرۇش مەيدانى، كۆپ تەرەپلىمە تۇتۇشۇش سەۋەبىدىن سۇرىيەنىڭ پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە ئۇرۇش توختىتىشتىن ئۈمىد قالمىدى.

  ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئادرا رايونىغا ئىچكىرىلەپ كىردى

  ئەنگلىيەنىڭ لوندوندىكى سۇرىيە ئىنسانىي ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 3-مارت كەچتە ئېلان قىلغان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بىر مەزگىللىك ھاۋا ھۇجۇمى، زېنت توپ ئوقى ۋە يەر يۈزى ئۇرۇشىدىن كېيىن، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى نۆۋەتتە «قامال قىلىنىش شەكلىدە تۇرۇۋاتقان» ئادرا رايونىنىڭ %10 دائىرىسىنى كونترول قىلغان.

  ئادرا رايونى دەمەشقنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ سۇرىيە پايتەختى ئەتراپىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر تايانچ بازىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ رايوندىكىلەر ئاساسلىقى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، نوپۇسى 400 مىڭ ئەتراپىدا، 2013-يىلىدىن باشلاپ ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ قورشاۋىدا قالغان.

  بۇ يىل 2-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ۋە رۇسىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئادرا رايونىغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەربىي ھەرىكەت قوللانغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى قارار ماقۇللاپ، سۇرىيە چېگراسى ئىچىدە ئۇدا 30 كۈن ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلغان، ئادرا رايونىغا قىلىنغان مۇھاسىرىنى بىكار قىلىشقا مۇراجىئەت قىلغان. «ئىسلام دۆلىتى» قاتارلىق ئەسەبىي تەشكىلات ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلارغا قىلىنىدىغان ھەربىي ھەرىكەت ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ سىرتىدا.

  رۇسىيە ئارمىيەسى 2-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن باشلاپ، ئادرا رايونىدا ھەر كۈنى بەش سائەت ئىنسانپەرۋەرلىك ئۇرۇش توختىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇ ئارقىلىق بۇ رايوندىكى پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىك يولىدىن پايدىلىنىپ بۇ رايوندىن چىقىۋېلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. بىراق، 3-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن باشلاپ، ھېچبىر پۇقرا بۇ بىخەتەرلىك يولىدىن چېكىنمىگەن.

  تۈركىيە ئافلېننى بومباردىمان قىلدى

  سۇرىيە ئىنسانىي ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، سۇرىيەنىڭ شىمالىدا، تۈركىيەنىڭ 3-ئاينىڭ 3-كۈنى قوزغىغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، سۇرىيە ھۆكۈمەتپەرەس قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئاز بولغاندىمۇ 36 ئەسكىرى ئۆلگەن.

  تۈركىيەنىڭ زۇڭلىسى بىنالى يىلدىرىم تۈركىيە يەر يۈزى قوشۇنلىرى ئافلېن رايونىدا لاۋرى بازىرىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. تۈركىيە ھەربىي تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ھازىر يەتتە ناھىيە-بازارنى ئىگىلىگەن، ئۇنىڭ ئىچىدە لاۋرى بازىرىمۇ بار ئىكەن.

  تۈركىيە تېررورچى كۈچلەرگە زەربە بېرىشنى باھانە قىلىپ، 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ ئافلېن رايونىغا «زەيتۇن شېخى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتنى قوزغىغان، «خەلقنى قوغداش ئارمىيەسى»نى زەربە بېرىش نىشانى قىلغان. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ «خەلقنى قوغداش ئارمىيەسى»نىڭ تۈركىيە تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قارىلىدىغان كۇرد ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ سۇرىيەدىكى تارمىقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.سۇرىيە ھۆكۈمەتپەرەس خەلق قوراللىق كۈچلىرى 2-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن باشلاپ ئافلېن رايونىغا كىرىپ «خەلقنى قوغداش ئارمىيەسى»گە ياردەملىشىپ، تۈركىيە ھەربىي قىسىمىغا زەربە بەرگەن، بىراق سۇرىيە ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ ئۇچۇرنى دەلىللىمىگەن.

  ئافلېن جېڭىگە قارىتا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى سۇرىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ جەڭگە ئارىلاشماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيە تەرەپ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى، بىراق «تۈركىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە تەھدىت بولۇۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلات»قا داۋاملىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  رېيتىر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ ھۆكۈمىگە ئاساسلانغاندا، جەڭ مۇشۇ ئىز بويىچە داۋاملاشسا، سۇرىيە ئۆكتىچى كۈچلىرىنىڭ دەمەشقنىڭ شەرقى قىسمىدىكى بىردىنبىر بازىسى بولغان ئادرا رايونى سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر