باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ليۇ لېي: ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىش ۋە تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك

2018.03.08 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى 5-مارت بېيجىڭدا ئېچىلدى. خېيلۇڭجياڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى تۇڭجياڭ شەھىرى تۇڭجياڭ بازارلىق مەركىزىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ليۇ لېي خېجې مىللىتىدىن ئىدى. بۇ قېتىملىق يىغىندا ئۇ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىش ۋە تەربىيەلەش مەسىلىسىگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا نىسبەتەن ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى يەرلىكنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا غايەت زور رول ئوينايدۇ، بولۇپمۇ ئاممىۋى خىزمەتتە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى شۇ جاينىڭ ئەھۋالىغا پىششىق، يەرلىكنىڭ تىلىنى بىلىش، ئاممىۋى خىزمەت ئىشلەشكە ماھىر بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى جارى قىلدۇرىدۇ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى تەربىيەلەش ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈشنى كۈچەيتىش ئىنتايىن مۇھىم.

  ليۇ لېي مۇنداق دېدى: نوپۇسى ئاز خېجې مىللىتى توپلاشقان رايونلاردا مىللەتلەر سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، خېجې مىللىي يېزىسى مەمۇرىيىتىنىڭ «1-قول مەسئۇل»ىنى باشتىن-ئاخىر خېجې مىللىتى كادىرلىرى ئىچىدىن تاللاپ تەيىنلەش، شۇنداقلا خېجې مىللىتىدىن بولغان كادىرلارنى نۇقتىلىق تەربىيەلەش كېرەك.

  ئۇ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى ئىمتىھان ئېلىپ خىزمەتكە قوبۇل قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەركەزدىن تارتىپ يەرلىككىچە ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى كادىرلارنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەر ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن خىزمەت-تۇرمۇش شارائىتى جاپالىق، خىزمەت بېسىمى ئېغىر، ئىقتىسادىي تەمىنات تۆۋەن بولۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى بولۇپمۇ چېگرا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەت ئىختىساسلىقلىرى كۆپلەپ كېتىپ قالدى. شۇڭا ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئەھۋالىغا پىششىق، يەرلىكنىڭ تىلىنى بىلىدىغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىجازەت شەرتىنى مۇۋاپىق قويۇۋېتىپ، يۆنىلىشلىك قوبۇل قىلىش-تەقسىملەشنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش شەرتىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش ياكى قوبۇل قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىقلار ئىنتايىن مۇھىم.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر