باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ 1000- قېتىمقىسى يولغا چىقتى

2018.02.27 17:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26- چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ يەرلىك شوخلا قىيامى مەھسۇلاتىنى قاچىلاپ ماڭغان جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى يۈك پويىزىنىڭ بىرى ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزىدىن قوزغىلىپ، ئىتالىيەنىڭ ناپلېس شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى. بۇ، شىنجاڭدىن يولغا چىققان جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ 1000- قېتىمقىسى، ھەم شۇنداقلا ئىتالىيەنىڭ ناپلېس شەھىرىگە قاراپ يولغا چىققان جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تۇنجى قېتىمقىسى ھېسابلىنىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ زىيارەت قىلىپ ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى نۆۋەتچى پويىز قورغاس پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىقىپ، قازاقىستاننىڭ كۇرىك پورتىغا بارغاندا، شۇ پورتتىكى تۆمۈر يول ئارقىلىق پاراخوتقا ھەيدەپ كىرىلىپ، شۇ پاراخوت ئارقىلىق كاسپىي دېڭىزىدىن ئۆتۈپ ئەزەربەيجاننىڭ ئاليات پورتىغا يېتىپ بارىدۇ، شۇ جايدا ئۇ نۆۋەتچى پويىز پاراخوتتىن قۇرۇقلۇققا ھەيدەپ چىقىلىپ، يەنە تۆمۈريول بىلەن نەقلىيات قىلىش شەكلى ئارقىلىق، گىرۇزىيەنىڭ ۋاۋى پورتىغا بارىدۇ، شۇ جايدا يەنە بىر قېتىم يۈك پاراخوتىغا ھەيدەپ كىرىلىپ، شۇ پاراخوت ئارقىلىق قارا دېڭىز ۋە ئوتتۇرا دېڭىزىدىن ئۆتۈپ، ئىتالىيەنىڭ ناپلېس شەھىرىگە ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇنىڭ پۈتۈن مۇساپىسى 10 مىڭ 500 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ پويىزنىڭ ئاخىرقى مەنزىلگە يېتىپ بېرىشى ئۈچۈن ئاران 25 كۈن ۋاقىت كېتىدۇ. دېمەك، ئىلگىرىكى پۈتۈنلەي دېڭىز نەقلىياتىغا تايىنىپ توشۇش ئۇسۇلىغا قارىغاندا، يېرىمدەك ۋاقىت تېجىلىپ قالىدۇ.

  شىنجاڭ شىنتىيې خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى نەن جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى نۆۋەتچى پويىز ئارقىلىق، «تۆمۈريول نەقلىياتچىلىقى + دېڭىز يولى نەقلىياتچىلىقى»دەك نەقلىيات ئەندىزىسىدىكى كۆپ قېتىم ئالماشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى بولسا، ئۈرۈمچى يىغىلىش مەركىزى 2016 ـ يىلى تۇنجى قېتىم ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان يولغا چىققان جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ دەل 1000- قېتىمقىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  ھازىرغا قەدەر، بۇ يىل ئىچىدە بۇ شىنجاڭ جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 166- قېتىم قاتنىغان بولۇپ، نەتىجىدە ھەر كۈنلۈكى ئۈچ قېتىمدىن نورمال قاتنىدى. بۇ نۆۋەتچى پويىزنىڭ توشۇيدىغان مال تۈرلىرى ئەڭ دەسلەپكىدەك پەقەت كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئائىت تۈرلۈك ماللار ۋە كىيىم-كېچەك مەھسۇلاتلىرى بولۇپلا قالماي، ھازىر يەنە ماشىنا-ئۈسكۈنىلەر، سۇ بىلەن ئىسسىتىش قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە ئېلېكتىرون زاپچاسلىرى قاتارلىق 200 خىلدىن ئارتۇق تۈرلەرگە كېڭەيتىلدى؛ يۈرۈش لىنىيەسى ئەڭ دەسلەپكى تۆت لىنىيەدىن تەرققى قىلىپ، ھازىرقى 19 لىنىيەگىچە كۆپەيتىلدى؛ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپادا 17 دۆلەتتىكى 24 شەھەرگىچە بارىدىغان بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر