باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاياللار پارتىيەگە تەلپۈنۈپ يېڭى دەۋرگە تۆھپە يارىتىپ، يېڭى تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىش

ئاپتونوم رايون «8-مارت» خەلقئارا خانىم-قىزلار بايرىمىنىڭ 108 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئاچتى

2018.03.08 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6- مارت، ئاپتونوم رايوندا «8-مارت» خەلقئارا خانىم-قىزلار بايرىمىنىڭ 108 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەمدە ئاياللار مەدەنىي ئىش ئورنى، بەشتە ياخشى ئائىلىنى تەقدىرلەش يىغىنى ئېچىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇۋەققەت باش كاتىپ سارقىت ئاقان يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە ئاياللار مەدەنىي ئىش ئورنى ۋە شەھەر-يېزىلاردىكى ئىش ئورنىدا تۆھپە قوشۇپ تەقدىرلەنگەن ئىلغار كوللېكتىپ (شەخس)، ئاپتونوم رايون بويىچە بەشتە ياخشى ئائىلە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلىلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  يىغىن تېلېۋېزىيە-تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 13 ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەردە تارماق يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى. يىغىندا، «ئاياللار پارتىيەگە تەلپۈنۈپ يېڭى دەۋرگە تۆھپە يارىتىپ، يېڭى تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىش» تېما قىلىنغان ئېسىل نومۇرلار ئوينالدى، كىچىك ئائىلىنى قۇرۇش، كۆپچىلىكنى كۆزلەش ۋە دۆلەتنى سۆيۈشتىكى چوڭقۇر ھېسسىياتلارنى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاياللىرىنىڭ پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىقىنى، ھەمدە پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ۋە پارتىيەگە ئەگىشىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  يىغىندا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق-تەلەپ 2-سوت كوللېگىيەسى قاتارلىق 99 ئورۇن «ئاپتونوم رايوندىكى ئاياللار مەدەنىي ئىش ئورنى» دېگەن شەرىپىگە؛ ۋاڭ پىڭ قاتارلىق 99 كىشى ئاپتونوم رايوندىكى تۆھپە ياراتقان نەمۇنىلىك ئاياللار شەرىپىگە؛ شىنجاڭ «لەنپەي» كىيىم-كېچەك چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 29 ئورۇن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۆھپە ياراتقان ئىلغار ئاياللار كوللېكتىپى شەرىپىگە، نۇرزىمان مۆمىن ئائىلىسى قاتارلىق 52 ئائىلە ئاپتونوم رايوندىكى بەشتە ياخشى ئائىلە، دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى؛ شېن جيەنجيا ئائىلىسى قاتارلىق ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ گۈزەل ئائىلە بولۇپ باھالانغان 140 ئائىلىلىك ئېلان قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر