باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>لى كېچياڭ

لى كېچياڭ: بالىلارنىڭ يەسلى پەرۋىشىدىكى پۈتۈن جەريانىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئاتا-ئانىلارنى خاتىرجەم قىلىش لازىم

2018.03.07 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، يىغىندا گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلات»ى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  زۇڭلى لى كېچياڭ 2018-يىللىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىدا ئادىل ۋە سۈپەتلىك بولغان مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش، شەھەر-يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ بىر تۇتاش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مائارىپ سېلىنمىسىنى داۋاملىق ئېغىر قىيىنچىلىقى بار نامرات رايون ۋە ئاجىز ھالقىلارغا قارىتىش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

  يېزا، كەنتلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تاشلاش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، شەھەر-بازارلاردىكى «چوڭ سىنىپ سانى»نى چىڭ تۇتۇپ بىكار قىلىش، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرستىن سىرتقى يۈكىنىڭ ئېغىر بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. بالىلار مىللەتنىڭ كەلگۈسى، ئائىلىنىڭ ئۈمىدى. كۆپ خىل يوللار بىلەن ئوقۇشتىن بۇرۇنقى مائارىپ بايلىقى تەمىناتىنى ئاشۇرۇش، ئالاقە تورى قاتارلىق ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، بالىلارنىڭ يەسلى پەرۋىشىدىكى پۈتۈن جەريانىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، چوقۇم ئاتا-ئانىلارنى خاتىرجەم قىلىش كېرەك. ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ كەسپىي مائارىپ بېجىرىشىنى قوللاش، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچى مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىنى يۆنىلىش قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەر مائارىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، «قوش ئەلا» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايونلارنىڭ ئۆزگىچە، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئالىي مەكتەپ قۇرۇشىنى قوللاش؛ يېزا-كەنتلەر ۋە نامرات رايونلاردىن مەخسۇس تۈر بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، مىللىي مائارىپ، ئالاھىدە مائارىپ، ئۈزلۈكسىز مائارىپ ۋە تور مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇش؛ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ خەلق رازى بولغۇدەك مائارىپ بەرپا قىلىش، ھەر بىر كىشىنى ئۆز تەقدىرىنى مائارىپ ئارقىلىق ئۆزگەرتىش ۋە كىشىلىك ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا باراۋەر بولغان پۇرسەت بىلەن تەمىنلەش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر