خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5-مارت چۈشتىن كېيىن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئۆزى تۇرۇشلۇق ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: جاسارەت بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ئۆز ئارا ھەمدەم بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە چېگرا رايوننى مۇستەھكەملەشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتەننىڭ شىمالىدىكى بۇ چېگرا رايوننى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىچكى موڭغۇل ئېلىمىزدە ئەڭ بالدۇر قۇرۇلغان مىللىي ئاپتونوم رايون، پارتىيەنىڭ مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ئەڭ بالدۇر يولغا قويۇلغان جاي، ئۇ ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم. ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پۈتۈن مەملىكەتتە، خەلقئارادا ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
شى جىنپىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئىچكى موڭغۇلنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى قۇرۇلۇشلاردا قولغا كەلتۈرگەن يېڭى نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئىچكى موڭغۇلدىكى يولداشلارنىڭ تېخىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى پۇختا ھەل قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپەت، ئۈنۈم، تۈرتكە جەھەتتىكى ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئېلىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتە، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئاساس. مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدىن ئىبارەت بۇ نەزەرىيە مەنبەسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلاش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى تەربىيەسىنى ياخشى ئىشلەش، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇپ چىقىش ئاساس. ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتەننىڭ چېگراسىنى ئورتاق قوغداپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىش كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ، ئۇنى مىللەتلەر ئارىسىدا زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كىچىكىدىن باشلاپ تۇتۇش، يەسلىدىن باشلاپ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىدىن ئوزۇق ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ۋاسىتە ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، تور ۋە تور سىرتىنى ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنگە، جۇڭخۇا مىللىتىگە، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان تونۇشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئارىسىدا ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇدىغان مۇستەھكەم مەنىۋى رىشتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك مەنپەئەت زىددىيەتلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ۋەتەننىڭ شىمالىدىكى بىخەتەرلىك، مۇقىملىق توسۇقىنى تېخىمۇ مۇستەھكەم قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى