باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

خەن جېڭ شەنشى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى توختىماي ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2018.03.07 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خەن جېڭ 6-مارت چۈشتىن بۇرۇن ئۆزى تۇرۇشلۇق شەنشى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەر بىلەن بىللە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى. يىغىن كەيپىياتى ناھايىتى قىزغىن بولدى، خۇ خېپىڭ، ليۇ گوجۇڭ، جاۋ جىپىڭ قاتارلىق ۋەكىللەر سۆز قىلدى، خەن جېڭ ئەستايىدىل ئاڭلىغاچ، پات-پات ۋەكىللەر بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ مۇزاكىرە قىلدى.

  خەن جېڭ ۋەكىللەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: زۇڭلى لى كېچياڭ بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىدىغان تەرەققىيات ئىدىيەسى تولۇق نامايان قىلىندى، بۇ راستچىل، ئەمەلىيەتچىل، ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىلغان، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان دوكلات بولدى، بۇ دوكلاتنى تامامەن قوللايمەن.

  خەن جېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ھەل قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما تېخى ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، ئىلگىرى بېجىرىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما بېجىرىلمىگەن نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تارىخىي نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. بەش يىلدىن بۇيانقى تارىخىي نەتىجە ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئاچقۇچلۇق سەۋەبى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلدى، تۈپ سەۋەبى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئىلمىي يېتەكلىدى، مۇھىم سەۋەبى پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش يېڭىلىق يارىتىش، ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر