- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيە سۈرىيەدىكى بازىسىغا سۇ-57 تىپلىق ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانى ئەۋەتتى
2018.03.01 16:17 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئورگان گېزىتى «قىزىل يۇلتۇز»نىڭ 26-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يېقىندا رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى خېمەم بازىسىغا رۇسىيەنىڭ 5-ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانى سۇ-57دىن ئىككىنى ئەۋەتكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، سۇ-57 تىپلىق بۇ ئىككى كۈرەشچى ئايروپىلاننى سۈرىيەگە ئەۋەتىشنىڭ مەقسىتى ئەمەلىي جەڭ تۈسىنى ئالغان مۇھىتتا كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ ئېلېكتىرونلۇق رازۋېدكا ۋە سىمسىز ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىنى تەكشۈرۈش ئىكەن. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ نۆۋەتتە سۇ-57 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئەمەلىي جەڭدە ئىشلىتىپ زەربە بېرىش پىلانى يوق ئىكەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، سۇ-57 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق سىناق ئۇچۇش ۋەزىپىسى تاماملانغان بولۇپ، 2018-يىلى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئالاقىدار كارخانا بىلەن سۇ-57 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاندىن 12نى سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالايدىكەن.
سۇ–57 تىپىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ۋاكالەت نومۇرى 50-T بولۇپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا تەتقىق قىلىش باشلانغان، نۆۋەتتە رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ سۇ-27 ۋە م گ - 29 قاتارلىق ئاساسلىق ئايروپىلان تۈرلىرىنىڭ ئورنىنى ئالىدىكەن. ئەسلىي تىپتىكى تۇنجى T-50 ئايروپىلانى 2010-يىلى 1-ئايدا مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق ئۇچقان ئىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر