باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سەككىزىنچى چىللىدىن كېيىن، ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا تېمپېراتۇرىسى كۆرۈنەرلىك ئۆرلىدى

2018.02.24 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 23-فېۋرال «8-چىللە»نىڭ 1-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋاسىدا گەرچە چىللە ساناش نەزمىسىدىكىدەك «يەتتىنچى چىللىدە دەريا مۇزلىرى ئېرىپ، سەككىزىنچى چىللىدە تۇرنىلار كېلىدۇ» دەپ تەسۋىرلەنگىنىدەك ئەتىيازنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىپادىلەنمىسىمۇ، لېكىن كەلگۈسى ئۈچ كۈندە يۇقىرى تېمپېراتۇرا نۆلدىن يۇقىرى بولۇپ، ئەتىيازنىڭ ئىللىقلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ھاۋا بىر قەدەر ئىللىق بولغان چاغانلىق دەم ئېلىشتىن كېيىنمۇ ئوچۇق ۋە ياخشى بولغان ھاۋارايى يەنە داۋاملاشتى. ئۈرۈمچى مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە سوغۇق ھاۋارايى داۋاملىق كۆرۈلمەيدىكەن، ھاۋا بىر قەدەر ياخشى بولۇپ، تېمپېراتۇرا ئومۇمىي جەھەتتىن ئۆرلەيدىكەن، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۈندىلىك ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن يۇقىرى 4 سېلسىيە گىرادۇس، ئەتىگەن ۋە كەچتىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 10 سېلسىيە گىرادۇس بولىدىكەن.گەرچە تېمپېراتۇرا ئازراق ئۆرلىگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا يالاڭ كىيىنىشكە بولمايدۇ، چۈنكى بۇ «گاھى ئىسسىق، گاھى سوغۇق» پەسىلدە، سوغۇق ھاۋارايى كېلىمەن دەپلا كېلىدۇ، تېمىپېراتۇرىمۇ ئۆزگىرىشچان بولىدۇ. يىللاردىكىدەك ئۈرۈمچىنىڭ باھار كىرىش ۋاقتى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر