باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېغىر نامرات رايونلارنى مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى يولغا قويۇش لايىھەسى ئېلان قىلىندى

2018.02.28 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى بىلەن گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى يېقىندا بىرلىكتە «ئېغىر نامرات رايونلارنى مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى يولغا قويۇش لايىھەسى(2018-يىلدىن 2020-يىلىغىچە)»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلارنى مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئېغىر نامرات رايونلارنى مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ياخشى قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ئىگىلىشىمىزچە، قىيىنچىلىقى ئېغىر تۇتاش رايونلار، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلارنىڭ ئېغىر نامراتلىق مەسىلىسى گەۋدىلىك بولۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈلكەن. شىزاڭ، تۆت ئۆلكە(چىڭخەي، سىچۈەن، يۈننەن، گەنسۇ)نىڭ زاڭزۇلار رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت بىر ئوبلاست ۋە سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ لىياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ نۇجياڭ لىسۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لىنشيا خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۈچ رايون، ئۈچ ئاپتونوم ئوبلاست» دېيىلىدۇ)، شۇنداقلا نامراتلىشىش نىسبىتى %18تىن يۇقىرى نامرات ناھىيەلەر ۋە نامراتلىشىش نىسبىتى %20تىن يۇقىرى نامرات يېزىلارنىڭ تەبىئىي شارائىتى ناچار، ئىقتىسادىي ئاساسى ئاجىز، نامراتلىق دەرىجىسى يۇقىرى بولۇشتەك كەمچىلىكلىرىنى تۈگىتىش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئىكەن.

  «لايىھە»گە ئاساسەن، 2020-يىلىغا بارغاندا، «ئۈچ رايون، ئۈچ ئاپتونوم ئوبلاست» قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ مائارىپ ئومۇمىي سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنى مائارىپ ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ھەر قايسى مائارىپ باسقۇچىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇشقا كىرگەندىن تارتىپ ئوقۇش پۈتتۈرگۈچە بولغان پۈتۈن جەرياندا مالىيە ياردىمى بېرىلىپ، نامرات ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، بىرمۇ بالىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبلىك ئوقۇشتىن قېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بېجىرىلگەن تېخىمۇ كۆپ نامرات ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق مائارىپنى قوبۇل قىلدۇرۇپ، كەسپىي مائارىپ، ئالىي مائارىپ ياكى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش ئارقىلىق ئائىلىلەرگە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پۇرسىتى يارىتىلىپ، مائارىپنىڭ رايونلار ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر